UyghurWiki
UyghurWikiئاڭكۆۋرۈك ئەڭ كۆپ شەھەر

كۆۋرۈك ئەڭ كۆپ شەھەر

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئىتالىيىنىڭ ۋېنېسىيە شەھىرى دۇنيا بويىچە مەشھۇر سۇ ئۈستى شەھىرى بولۇپ، ئادرىياتىك دېڭىزنىڭ شىمالىي چېتىدە چوڭ قۇرۇقلۇقتىن تۆت كىلومېتىر نېرىدىكى راگۇنا كۆلىگە تارقالغان 148 كىچىك ئارال ئۈستىگە قۇرۇلغان. شەھەر ئىچىدە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا گىرەلىشىپ كەتكەن 177 ئۆستەڭ ۋە دەريا بار. بۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ كەڭلىكى 70 مېتىرگە يېتىدۇ. كۆپىنىڭ كەڭلىكى 3 - 4 مېتىرلا كېلىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 45 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. شەھەرنىڭ ھەر قايسى بۆلەكلىرىنى بىر بىرىگە تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرخىل شەكلىدە 400 دىن ئارتۇق كۆۋرۈك ياسالغان. ۋېنىتسىيە بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق ئوتتۇرىسىغا ئۇزۇنلۇقى تۆت كىلومېتىر كېلىدىغان تۆمۈر يول كۆۋرۈكى سېلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە 288 ئەگمىدىن تەركىب تاپقان بىر تاشيول كۆۋرۈكى بار. شەھەر ئىچىدىكى قاتناش ئاساسلىقى ماتورلۇق كېمىلەرگە ۋە «گوندورا» دەپ ئاتىلىدىغان بىرخىل قېيىقلارغا تايىنىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. «گوندورا» رەڭگى قارا، ئاستى تۈز، ئىككى ئۇچى كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان قېيىق بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 11 مېتىر كېلىدۇ. كەڭلىكى بىر مېتىردىن ئاشىدۇ. ئۇنى بىر ئادەم پالاق بىلەن تار دەريالاردا بەھۇزۇر ھەيدىيەلەيدۇ. ۋېنسىيىدە تەخمىنەن 360 مىڭ ئاھالە بار. بۇ شەھەرگە ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئۈچ يۈز مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچى كېلىپ ئېكىسكۇرسىيە ياكى ساياھەت قىلىدۇ. بۇ شەھەرنىڭ ھەممىلا جايىغا ئادەمزاتنىڭ قەدىمى تەگسىمۇ، لېكىن زۇمرەت دولقۇنلار ۋە مىغ - مىغ كېمىلەر بۇ شەھەرگە باشقىچە تۈس كىرگۈزۈپ تۇرىدۇ.(جاڭ شيەنيۈي)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ