UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ بېخىل ئايال

ئەڭ بېخىل ئايال

دۇنيادىكى ئەڭلەر گرېئېن خانىمنىڭ (1916 - 1835) پەقەت بىر بانكىغا قويغان پۇلىلا 31 مىليون 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ، ئوغلىنىڭ كېسىلىنى ھەقسىز داۋالايدىغان دوختۇرخانا ئىزلەپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقتىن، ئاخىرى ئوغلىنىڭ پۇتىنىڭ كېسىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان. ئۇ، پۇلنىڭ كۆپ كېتىشىدىن قورقۇپ دائىم سوغاق سۇلۇ يارمىسى ئۇمىچى ئىچكەن. بىر قېتىم ئۇ مېيى ئايرىۋېتىلگەن كالا سۈتىنىڭ سۈپىتى ئۈستىدە تالىشىۋاتقاندا مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئۆلۈپ كەتكەن. شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە بايلىقى 95 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن ئىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ