دېففېرېنسىئال ۋە ئنتېگرالنى كىم ئەڭ بۇرۇن ئىجاد قىلغان؟
دۇنيادىكى ئەڭلەر
دېففېرېنسىئال ۋە ئىنتېگرالنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ئېۋكىلد گېئومېتىرىيىسىدىن كېيىن ماتېماتىكىدا ئەڭ مۇھىم ئىجادىيەت بولدى.
دېففېرېنسىئال ۋە ئىنتېگرالنى نيۇتون بىلەن لېيپنىتستىن قايسى بالدۇر ئىجاد قىلغان؟ ئەنگلىيە ماتېماتىكا ساھەسىدىكىلەر بىلەن فرانسىيە ماتېماتىكا ساھەسىدىكىلەر بۇ مەسىلە ئۈستىدە كەسكىن مۇنازىرە ئېلىپ باردى. فرانسىيە، گېرمانىيە ماتېماتىكىلىرى لېيپنىتسنى قوللىدى، ئەنگلىيە ماتېماتىكىلىرى بولسا نيۇتوننى قوللىدى. كەسكىن مۇنازىرە نەتىجىسىدە ئىككى مەملىكەت ماتېماتىكلىرىنىڭ ئالاقىسى بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپ قالدى.
نيۇتون دېففېرېنسىئال ۋە ئىنتېگرال توغرىسىدىكى ماقالىسىنى 1687 - يىلىدىن ئىلگىرى رەسمىي ئېلان قىلمىغان. نيۇتون 1665 - 1687 - يىللىرى ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى دوستىغا ئۇقتۇرغان؛ نيۇتون 1669 - يىلى «چەكسىز كۆپ ئەزالىق تەڭلىمىلەرنى قوللىنىش ئانالىزى» دېگەن كىتابچىسىنى ئۆز دوستىغا تەقدىم قىلغان. نيۇتون بۇ كىتابچىنى 1699 - يىلى پروفېسسور بروئۇنغا تەقدىم قىلغان، كېيىن يەنە لېيپنىتسنىڭ دوستى كوللىسقا تەقدىم قىلغان. بۇ كىتابچە 1771 - يىلى رەسمىي نەشر قىلىنغان.
لېيپنىتس 1672 - يىلى پارىژنى، 1673 - يىلى لوندوننى زىيارەت قىلغان ھەمدە نيۇتوننى بىلىدىغان ماتېماتىكلار بىلەن خەت - چەك يېزىشقان. 1684 - يىلىغا كەلگەندە، لېيپنىتس دېففېرېنسىئال ۋە ئىنتېگرال توغرىسىدىكى ئەسىرىنى رەسمىي ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە ماتېماتىكلىرى لېيپنىتسنى كۆچۈرمىچى دەپ ئەيىبلىگەن.
بۇ تالاش - تارتىش ئۇلار ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئاياغلاشتى. تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، نيۇتون بىلەن لېيتپنىتس پروفېسسور بروئۇندىن نۇرغۇن ئىلھاملىنىپ، ئوخشاش بولمىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇستەقىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقاندا دېففېرېنسىئال ۋە ئىنتېگرالنى ئۆز ئالدىغا ئايرىم - ئايرىم بەرپا قىلغان. بۇنىڭدا، بىرى، ئىشنى بۇرۇنراق باشلىغان؛ بىرى، ئىلمىي ماقالىسىنى بۇرۇنراق ئېلان قىلغان. شۇڭا نيۇتون بىلەن لېيپنىتس دېففېرېنسىئال بىلەن ئىنتېگرالنى ئەڭ بۇرۇن ئىجاد قىلغۇچىلار ھېسابلىنىدۇ.