كېمە ئىجارىگە ئېلىپ ئىشلىتىدىغان ئەڭ چوڭ شىركەت
دۇنيادىكى ئەڭلەر
گوللاندىيە پادىشاھ ئائىلىسى ۋە بىكو گۇرۇھى، دۇنيا بويىچە كېمە ئىجارىگە ئېلىپ ئىشلىتىدىغان ئەڭ چوڭ شىركەتتۇر. 1977 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ شىركەتنىڭ 280 دانە ماي توشۇش پاراخوتى بولۇپ، ساپ ئېغىرلىقى 32 مىليون توننا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىجارىگە ئېلىپ ئىشلەتكەن 155 پاراخوتى بولۇپ، ساپ ئېغىرلىقى 18 مىليون 167 مىڭ توننا كېلىدۇ. بۇ پاراخوت ئەترىتى يەنە 11 دانەسۇيۇلدۇرۇلغان گاز، تەبىئىي گاز توشۇش پاراخوتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 731 مىڭ 601 كۇبمېتىر.