ئەڭ چوڭ چېركاۋ زالى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
رىمنىڭ ۋاتىكاندىكى پيئىر چېركاۋى مىلادى 1492 -, 1612 - يىللىرى سېلىنغان بولۇپ، كۆلىمى 15 مىڭ 142 كۋادىرات مېتىر كېلىدۇ. ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ چېركاۋ زالى ھېسابلىنىدۇ. يېرىم يۇمۇلاق شەكىللىك ئەڭ ئاخىرقى چېركاۋدىن ھېسابلىغاندا، بۇ چېركاۋنىڭ ئۇزۇنلۇقى 186.33 مېتىر كېلىدۇ. ھەشەمەتلىك يۇمۇلاق ئۆگزىنىڭ ئچىكى دىئامېتىرى 41.98 مېتىر بولۇپ، ئىچكى ئېگىزلىكى 119 مېتىر، تاشقى ئېگىزلىكى 139.52 مېتىر كېلىدۇ.
فرانسىيىنىڭ لوئۇرېس يەرلىك دىنىي مەزھىپى <پىئې> Ⅹ نىڭ چېركاۋى، 1957 - يىلى سېلىنغان، يەر ئاستى ئۆيىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 200 مېتىر بولۇپ، غايەت زور سېلىنغان ئەگمە زالنىڭ ئىچىگە 20 مىڭ مۇرىت سىغىدۇ.