UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ كىچىك بوۋاق

ئەڭ كىچىك بوۋاق

دۇنيادىكى ئەڭلەر دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك بوۋاق شايا 1979 - يىلى 2 - ئاۋغۇستتا دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ 28 ياشلىق ئانىسى ف. سىند شايا تۇغۇلغاندا ئۇنىڭدىن چاشقاننىڭ چىرىلدىغىنىدەك چىرىلدىغان ئاۋاز ئاران چىقتى، دېگەن. شايا تۇغۇلغاندا گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاران 25 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 410 گرام كەلگەن. ئۇنىڭ بويى ئوتتۇرا ياشلىق كىشىنىڭ قولىدىن سەل ئۇزۇنراق بولغان. ئۇنىڭ بېشى چوڭراق بىر لىمونچىلىك كەلگەن؛ ئۇنىڭ قول ۋە پۇتى ئاران بىر يېرىم سانتىمېتىر كەلگەن. شايا ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىدا 28 ھەپتىلا تۇرۇپ تۇغۇلغان. دېمەك، ئۇ 14 ھەپتە بۇرۇن تۇغۇلغان. شۇڭا ئۇ ئەي بولماسلىق خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. شايانىڭ دادىسى ئايالىنىڭ قېشىغا كېلىپ: «تولىمۇ يامان تەرىپىنى ئويلىماڭ» دەپ توختىماي تەسەللى بېرىپ تۇرغان. شايا ئېينىشتېين دوختۇرخانىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، دوختۇرلار بۇ ئىنتايىن كىچىك بوۋاقنى كۆرگەندە چۆچۈپ كەتكەن. چۈنكى بۇ قىزچاق كىچىك بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىنتايىن ئاجىز ئىدى. ئۇنىڭ تېرىسى شۇنچىۋالا نېپىز ئىدىكى، ئۇنىڭغا ماي سۈرتكىلى بولمايتتى. ھەتتا ئۇنى سىلاشقىمۇ بولمايتتى. ئەگەر ئۇنىڭغا سەل - پەل قاتتىق تېگىپ كەتسىلا، تېرىسى چۈشۈپ كېتەتتى؛ ئۇنىڭ ئۆپكىسى يېتىلمىگەن بولۇپ، نەپەس ئېلىشى ئىنتايىن قىيىن ئىدى؛ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئاران 34 گرادۇس ئىدى، نورمال تۇغۇلغان بالىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى 36.5 - 37 گرادۇس بولىدۇ. دوختۇرلار بىر مۇنچە تەدبىر قوللىنىپ، ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلدى. ئۇلار بىر تال شىلانكىنى ئۇنىڭ نەپەس يولىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ نەپەس ئېلىشىغا ماشىنا ئارقىلىق ياردەم بەردى؛ ئۇلار بالىنى ئىسسىقلىق چىقارغۇچىنىڭ ئاستىدىكى سۇپىغا ياتقۇزۇپ، سىرتىنى سۇلياۋ بىلەن قاپلاپ، ئۇنىڭغا بالىياتقۇ ئىچى بىلەن ئوخشاش مۇھىت يارىتىپ بەردى. ئۇلار يەنە بۇ قۇرۇلمىغا نەم ھاۋا كىرگۈزۈپ، ھاۋانىڭ ھەددىدىن تاشقىرى قۇرغاق بولۇشىدىن ساقلاندى. چۈنكى شايا ئاي - كۈنى تولماي تۇغۇلغان بالىلار ئادەتتە تەلەپ قىلىدىغان نەملىكتىن تەخمىنەن 4 ھەسسە ئارتۇق نەملىككە مۇھتاج ئىدى. دوختۇرلار ھەر كۈنى يەنە تەركىبىدە تۇز ياكى شىلەر بولغان سۇنى بالىغا كۆك تومۇرى ئارقىلىق ئوكۇل قىلىپ بېرىپ تۇردى. بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ مىقدار ئىنتايىن چوڭ ئىدى. دوختۇرلار بالىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن، ھەر كۈنى بالىدىن 10 - 12 قېتىم قان ئېلىپ تەكشۈردى. نورمال تۇغۇلغان بالىلاردا 300cc قان بولسا، شايانىڭ ئومۇمىي قېنى ئاران 35cc كېلەتتى. شۇڭا دوختۇرلار ھەر كۈنى شاياغا ھەر قېتىمدا 3cc دىن ئىككى، ئۈچ قېتىم قان بېرىپ تۇردى. قاننى باشتا كىندىك ئارقىلىق، كېيىن بىلەك ۋە پۇتنىڭ كۆك تومۇرى ئارقىلىق بەردى. تېرە ۋە كۆك قان تومۇرلىرى ئىنتايىن نازۇك بولغانلىقتىن، ھەر قېتىم قان بەرگەندە دىققەت بىلەم مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلەتتى. شايانىڭ ئوزۇقلۇقى دەسلەپتە كۆك تۆمۈردىن كاربون سۇ بىرىكمىسى، ماي ۋە ئاقسىل ماددىلىردىن تەركىب تاپقان ئارىلاشما سۇيۇقلۇق بولدى؛ 10 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئېغىزىدىن بىر تال شىلانكا كىرگۈزۈپ ئانىسىنىڭ سۈتى بېرىلدى؛ ئۈچ ئايدىن كېيىن، ئۇ ئىمىزگە ئارقىلىق سۈت ئىچىشكە باشلىدى. شايا «سۈنئىي بالىياتقۇ ساندۇقى» دا 14 ھەپتىنى ئۆتكۈزدى، تۆت ئاي بالنىتسىدا ياتتى، دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك بولغان بۇ بوۋاق ئاخىر ئەي بولدى. دوختۇرلارنىڭ قارىشىچە، ئاي - كۈنى تولماي تۇغۇلغان بۇنداق بالىنىڭ مۇنچىلىك ياخشى يېتىلىشى تېخى بىرىنچى قېتىم ئىدى. چۈنكى ئىستاتستىكىلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئاي - كۈنى تولماي تۇغۇلغان بالىلار ئارىسىدا قىزلارنىڭ 51 پىرسەنتى، ئوغۇللارنىڭ 49 پىرسەنتىلا ئەي بولاتتى. شۇڭا شايانىڭ ئانىسى بالىغا «شايا» دەپ ئىسىم قويدى، شايا يەھۇدىي تىلىدا «ھايات» دېگەنلىك بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ