ئەڭ كۆ قەۋەتلىك ئوپىرا تىياتىرخانىسى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئىتالىيىنىڭ مىلان شەھىرىدىكى سكارا تىياتىرخانىسىنىڭ تاماشىبىنلار زالى يەتتە قەۋەتلىك بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ قەۋەتلىك ئوپىرا تىياتىرخانىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ موسكۋا شەھرىدىكى چوڭ تىياتىرخانىنىڭ تاماشىبىنلار زالى ئالتە قەۋەتلىك سېلىنغان.
سكارا تىياتىرخانىسى 200 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، دۇنيا بويىچە داڭلىق سەنئەت مەركىزىدۇر. ئۇ 1774 - 1778 - يىللىرى سېلىنغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا پارتلىتىۋېتىلگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن ئۆز ئەينى بويىچە قايتا ياسالغان. پۈتۈن تىياتىرخانا قارىماققا ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ھەشەمەتلىك بولۇپ، ئىنتايىن چىرايلىق ياسالغان. تاماشىبىنلار ئۈورنى پارتېر (تىياتىر زالىنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى ئورۇنلار) ، لوژا ۋە كارىدوردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭغا تەخمىنەن 2000 تاماشىبىن سىغىدۇ. تىياتىرخانىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ناھايىتى چوڭ چىراغ ئېسىلغان. ئېيتشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭدا جەمئىي 365 لامپۇچكا بولۇپ، بىر يىلنىڭ 365 كۈنىگە سىمۋول قىلىنغان. بۇ ئاسما چىراغ ناھايىتى چىرايلىق ئىشلەنگەن. بۇ تىياتىرخانا 1978 - يىلى ئاۋغۇستتا ئۆزىنىڭ تۇنجى ئويۇن قويغىنىغا 200 يىل بولغانلىقىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن تارختىن بۇيان ئەڭ ئۇزۇن ھېسابلىنىدىغان ئويۇن قويغان. بۇ ئويۇن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن ئەتىسى كېچە سائەت ئىككىگىچە داۋام قىلىپ، تاللانغان نۇرغۇن نومۇرلار كەينى - كەينىدىن ئورۇنلانغان. بۇ تىياتىر خانىنىڭ بېلىتى ناھايىتى قىممەت بولۇپ، بىر بېلەتنىڭ باھاسى ئاشقاندا 10 مىڭ لىراغا يېتىدۇ.
موسكۋا چوڭ تىياتىرخانىسى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئوپېرا تىياتىرخانىسى ھەم دۇنيا مۇزىكا ۋە تىياتىر مەدىنىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ مەركەزلىرىدىن بىرى. بۇ تىياتىرخانىنى روسىيىنىڭ ئاتاقلىق بىناكارلىق ئۇستىسى ئو. ئى. بوۋې 1853 - يىلى ياسىغان. بۇ تىياتىرخانىغا 1853 - يىلى ئوت كەتكەندىن كېيىن، بىناكارلىق ئۇستىسى ئا. ك. كاۋو ئۇنى قايتا ياسىغان. بۇ تىياتىرخانىنىڭ تاماشىبىنلار زالى ئالتە قەۋەت بولۇپ، پارتېر ۋە ئارقىدىكى يېرىم چەمبەرسىمان تارقاق ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈستۈنكى قەۋەتتە ھەشەمەتلىك لوژا يوق. پارتېردىن سۇپىنىڭ كەينىدىكى تامغىچە بولغان ئارىلىقنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر، كەڭلىكى 26.3 مېتىر، سەھىنىنىڭ كۆلىمى 356 مېتىر كېلىدۇ. موسكۋا چوڭ تىياتىرخانىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، پۈتۈن تىياتىرخانا ھەيۋەتلىك، كۆركەم بولۇپ، ساددا كىلاسسىك بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا ياسالغان. ئىچىدىكى ھەرخىل جاھازلار مۇكەممەل، ئاۋازنىڭ تارقىلىش ئۈنۈمى ياخشى. (تاۋ شىنيۇڭ)