UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ دەسلەپكى بىرىكمە سۇلياۋ

ئەڭ دەسلەپكى بىرىكمە سۇلياۋ

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئامېرىكا خېمىيە ئالىمى بېكلان 1905 - يىلى بىر قېتىم فېنول (كاربول كىسلاتا) بىلەن فورمالدېھىد (فورمالىن) نى كولبىغا سېلىپ، كىسلاتانى كاتالىزاتور قىلىپ، ئاندىن قىزىتىش رېئاكسىيىسى ئېلىپ بارغاندا، كولبىدىكى رېئاكسىيىلەنگەن ماددىنىڭ بارا - بارا سېرىق يىلىمسىمان ماددىغا ئايلىنىپ، شاپتۇل، قارىغاي سېغىزلىرىغا ئوخشاش كولبىغا مەھكەم چاپلىشىپ قالغانلىقىنى بايقىغان. بېكلان ئۇنى سۇ بىلەن بىر قانچە قېتىم يۇيۇپ باققان بولسىمۇ چىقىرالمىغان، ئېرىتىش ئۈچۈن كېيىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا قاقلىغان. قاقلاش بىلەنلا تېخىمۇ قاتتىقلىشىپ كەتكەن. بۇ ئەھۋال بېكلاننىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇ، بۇ نەرسە ھەم سۇدىن قورقمىسا، ھەم ئېرىمىسە، ئۇنى بىرخىل ناھايىتى ياخشى ماتېرىيال قىلغىلى بولماسمۇ؟ دەپ ئويلىغان. بېكلان بۇ ماددىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئۇنى نۇرغۇن يىل تەتقىق قىلىپ، 1909 - يىلىغا كەلگەندە، ئاخىر ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئېنىقلاپ چىققان. بۇ مەھسۇلات فېنول بىلەن ئالدېھىدنىڭ رېئاكسىيىسى ئارقىلىق ئېلىنغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېغىزغا ئوخشاپ كەتكەنلىكتىن، ئۇنىڭغا فېنول ئالدېھىد سېغىزى دەپ نام بېرىلگەن. ئۇنىڭ رەڭگى ساغۇچ بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ماددا ئانچە سۈزۈك بولمىغانلىقتىن، قارىماققا ئۇ پىل چىشىغا ئوخشاپ كېتەتتى. شۇڭا ئۇ يېڭى چىققاندا، بەزى سودىگەرلەر ئۇنى ھەدەپ ئېلىپ - سېتىشقان. بىر مۇنچە كىشىلەر ئۇنى پىل چىشى دەپ ئېلىپ ئالدىنىپ قالغان. بېكلاننىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتى شۇكى، ئۇ كىچىك مولېكۇلىلىق بېرىكمە ئارقىلىق ساپ خېمىيىلىك ئۇسۇل بىلەن بېرىكتۈرۈلگەن سۇلياۋنى ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئىشلەپ چىققان. بۇ ماتېرىيال بېرىكمە سۇلياۋنىڭ بوۋىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى ھازىرمۇ ئىنتايىن كەڭ ئىشلىتىلىپ، كىشىلەرنىڭ دىققەت - ئېتىبارىغا داۋاملىق سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ دەسلەپكى بىرىكمە سۇلياۋ | UyghurWiki | UyghurWiki