ئەڭ دەسلەپكى كىنو فىلىمى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى «ئۆز ئېلىنىڭ سانائىتىنى تەشەببۇس قىلىش جەمئىيىتى» دە 1895 - يىلى 22 - مارت كۈنى «ئىشچىلارنىڭ ئىشتىن چۈشۈشى» دېگەن دۇنيا بويىچە تۇنجى كىنو فىلىمى قويۇلدى. بۇ فىلىمنى فرانسىيىلىك لۇئى لۇمىئېر ئىشلىگەن.
«ئىشچىلارنىڭ ئىشتىن چۈشۈشى» دېگەن فىلىم لېنتىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 70 مېتىر بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىشچىلار زاۋۇت دەرۋازىسىدىن چىققان چاغدىكى ھەر خىل كۆرۈنۈشلەر ئېلىنغان، شۇڭا ئۇنىڭ ۋەقەلىكى ناھايىتى ئاددىي بولغان. ئۇ چاغلاردا لېنتا يۇيىدىغان ئۈسكۈنىلەرمۇ ناھايىتى ئاددىي ئىدى. لۇئى لۇمىئېر لېنتىنى ئۆز ئۆيىدىكى ئاددىي چېلەكتە يۇغان.
ئەڭ دەسلەپكى كىنو ئاۋازسىز بولغان، شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى «گاچا» كىنو دەپ ئاتىغان. ئەڭ دەسلەپكى كىنو رەڭسىز بولغان، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى «قارغۇ دۇنيا» دەپ ئاتىغان.
لۇئى لۇمىئېرنىڭ «ئىشچىلارنىڭ ئىشتىن چۈشۈشى» دېگەن فىلىمى ۋە باشقا فىلىملار 1895 - يىلى تۇنجى قېتىم قۇيۇلغاندىن كېينكى قىسقىغىنە 2 يىل ئىچىدە تاماشىبىنلار بەش قىتئەگىچە كېڭىيىپ، بۇ فىلىملار پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈردى.
لۇئى لۇمىئېر تۇنجى قېتىم «ھەرىكەتچان كىنو ئاپپاراتى» دا كىنو قويغانلىقتىن، دۇنيا بويىچە ھەر قايسى ئەللەرنىڭ كىنو ساھەسىدىكىلەر 1895 - يىل 28 - دېكابرنى كىنو دەۋرى رەسمىي باشلانغان كۈن قىلىپ بېكىتتى.