UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ چوڭ قىسقۇچ پاقا

ئەڭ چوڭ قىسقۇچ پاقا

دۇنيادىكى ئەڭلەر چوڭ قىسقۇچ پاقا قىسقۇچ پاقىلارنىڭ سەردارى بولۇپ، ئادەتتە ئۇزۇنلۇقى 20 - 40 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئېغىرلىقى 0.5 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە كىمخاب رەڭلىك چوڭ قىسقۇچ پاقا چوڭ قىسقۇچ پاقىلارنىڭ سەركەردىسى بولۇپ، ئېغىرلىقى 3 - 4 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ. بۇلار دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قىسقۇچ پاقا ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى «دۇبۇلغا - ساۋۇت» لىرى رەڭگارەڭ بولۇپ، ئىنتايىن چىرايلىق كېلىدۇ. چوڭ قىسقۇچپاقا دۇبۇلغا - ساۋۇت كىيگەن بولۇپ، قاسرىقى مۇستەھكەم، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇنلىغان ئۇچلۇق تىكەنلىرى، تىكەنلىك ئىككى ئۇزۇن بۇرۇتى ۋە يوغان ئون پۇتى بار. قارىماققا ناھايىتى دەھشەتلىك كۆرۈنىدۇ. بىراق دەھشەتلىك كۆرۈنگىنى بىلەن باش ۋە گەۋدىسىدىكى تىكەنلىرىدىن باشقا ھېچقانداق مۇداپىئە قۇرالى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەركىتى ئاستا، ئۆزى پالاكەت بولۇپ، ئاسانلا تۇتۇۋالغىلى بولىدۇ. چوڭ قىسقۇچ پاقىلار ئىسسىق دېڭىز - ئوكيانلاردا ياشايدۇ، مەملىكتىمىزدە ئۇنىڭ 7 - 8 ‎خىلى بار. دۇڭخەي ۋە نەنخەي دېڭىزلىرىدا ئۇلارنىڭ ئىزلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ. ئۇلار دېڭىز تەكتىدە يۈرىدۇ. كۈندۈزى خادا تاشلارنىڭ ئارىلىقىغا كىرىۋالىدۇ. كېچىسى چىقىپ ئۇزۇق ئىزلەيدۇ. ئۇلار سۇ ئۈزۈشكە ماھىر بولمىغانلىقتىن، تاشقى تۈزۈلۈشى جەھەتتىن سۇ ئۈزەلەيدىغان قىسقۇچ پاقىلاردىن روشەن پەرقلىنىدۇ. باش ۋە كۆكرەك قىسمى چوڭ، قورسىقى قىسقا - كىچىك كېلىدۇ. سۇ ئۈزۈش پۇتى ئاينىپ سۇ ئۈزۈش ئىقتىدارىنى ئاساسەن يوقىتىپ، ئۆمىلەپ يۈرۈشكە ماسلاشقان. چوڭ قىسقۇچ پاقىنىڭ بىر جۈپ بۇرۇتىنىڭ ئاستىنقى قىسمى ئالاھىدە تۈزۈلگەن. ئۇ كۆزىنىڭ ئاستىدىكى سۆڭەك تاختايغا سۈركىلىپ «چىت - چىت» ئاۋاز چىقىرىپ، ئۆز ھەمراھلىرىنى چاقىرىدۇ. چوڭ قىسقۇچ پاقىلارنىڭ كۆپىيىشى بەكمۇ قىزىق: ياز ۋە كۈزنىڭ كۆپىيىش مەزگىلىدە ئانا قىسقۇچ پاقا تۇخۇملىرىنى قورسىقىدا چىڭ بېسىپ ياتىدۇ . بىر قېتىمدا 500 مىڭدىن بىر مىليونغىچە تۇخۇم باسىدۇ. تۇخۇمى ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا يېتىپ يېرىلىدۇ. تۇخۇمدىن چىققان لىچىنكىلىرى يېتىلگەن قىسقۇچ پاقىغا زادىلا ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ تېنى يۇپۇرماقتەك ياپىلاق بولۇپ، «يوپۇرماقسىمان تەن» دەپ ئاتىلىدۇ. يوپۇرماقسىمان تەن سۇدا يېرىم يىل لەيلەپ يۈرۈپ، ئىككى قېتىم تېرە تاشلاپ، ئاخىردا چوڭ قىسقۇچ پاقا سىياقىغا كىرىدۇ. بۇلار بىر مەزگىل سۇدا ئۈزۈپ يۈرۈپ، ئاندىن دېڭىز ئاستىدا « ئولتۇراقلىشىپ» ئۆمىلەپ يۈرىدىغان بولىدۇ. مۇشۇنداق شارائىتتا ھەر ئون مىڭ تۇخۇمدىن پەقەت بىرسىلا ئۆسۈپ يېتىلەلەيدۇ. چوڭ قىسقۇچ پاقىنىڭ گۆشى قېلىن ۋە مەززىلىك بولۇپ، بىر قەدەر قىممەتلىك دېڭىز نازۇ - نېمىتى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر چوڭ قىسقۇچ پاقىدىن بىرى تۇتۇۋېلىنسا، بىر ۋاقلىق مەززىلىك تاماققا يېتىدۇ. (چېن چۈنفۇ)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ