موتسىكلىت بىلەن تامدا مېڭىش چىمپيونى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
1929 - يىلى 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىنىڭ ۋېنىس كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىدا <تېز سۈرئەتلىك بابى> ئىسىملىك ئەڭ ئۇستا موتسىكلىت سېرىكچىسى، دىئامېتىرى 9.75 مېتىر كېلىدىغان تونۇر شەكىللىك تامدا موتسىكلىت بىلەن ئۈچ سائەت تۆت مىنۇت ئايلانغان.
1934 - يىلى ئۇ يەنە كالىفورنىيە شتاتى ئوكئانىيە باغچىسىدىكى دىئامېتىرى 5.5 مېتىر كېلىدىغان گۈمبەز شەكىللىك تامدا، ئايال چەۋەندازچە ياسىنىپ، موتسىكلىت بىلەن 1,003 قېتىم ئايلانغان. مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئۇنىڭ 56 قېتىم سۆڭىكى سۇنغان. ئەمما ئۇ، ئۇچار ماشىنا بىلەن تامدا مېڭىش سېرىكچىسى ئەقلىدىن ئازغان ئەمەس، دەپ تونۇيدۇ.