دۇنيا بويچە ئەڭ قىسقا بولغان ئۇرۇش
دۇنيادىكى ئەڭلەر
1896 - يىلى 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سائەت 9 دىن 2 مىنۇت ئۆتكەندە باشلىنىپ 9 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئاياقلاشقان. ئەنگلىيىنىڭ زانزىبارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى تارىختا ئەڭ قىسقا ئۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال مايۇرى خاررىي خولدس ۋوروتىخ راۋسۇن (1843 - 1910)، كېيىن گېنېراللىققا ئۆستۈرۈلگەن. ھاكىمىيەت بېشىدا ئولتۇرغان پادىشاھ سائىد كىخالىدقا ئەڭ ئاخىرقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئوردىدىن چېكىنىپ، تەسلىم بولۇشقا بۇيرۇق چىقىرىپ ئوردىدىن چېكىنىپ، تەسلىم بولۇشقا بۇيرۇق بەرگەن. 38 مىنۇت بومباردىمان قىلغاندىن كېيىن بۇ ئۇقتۇرۇش ئۈنۈم ھاسىل قىلغان. يېڭى پادىشاھ خامۇت ئىبنى مۇھەممەت زانزىبارنىڭ بىر دانە يۇلتۇز مېدالىنى دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى راۋسۇنغا تەقدىم قىلغان ھەمدە شۇ پۇقرالار بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئىشلىتىلگەن ھەربىي ئوق - دورىلارنىڭ خىراجىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.