ئەڭ زور زەمبىرەك
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئۇرۇش ئوتى قاپلىغان پارىژ شەھىرىدە 1918 - يىلى 23 - مارت سەھەردە ھاۋا ئادەتتىن تاشقىرى تۇتۇق ئىدى. سىنا دەرياسى بويىدا قاتتىق پارتلاش يۈز بەردى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا چارلىز بەش كوچىسىدا يەنە قاتتىق ئاۋاز كۆتۈرۈلدى. بۇ ئاۋازلارنىڭ قەيەردىن كېلىۋاتقانلىقى، نېمە ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى نامەلۇم ئىدى.
بۇ ئاۋاز پارىژدىن 120 كىلومېتىر نېرىدىكى سېنت گوباين ئورمانلىقىدىن ئېتىلغان گېرمانىيىنىڭ ئۈچ زور زەمبىرىكىدىن چىققان ئاۋاز ئىدى. بۇ زەمبىرەكلەر پارىژنى تۇنجى قېتىم ئوققا تۇتقانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر كېيىن ئۇلارنى «پارىژ زەمبىرىكى» دەپ ئاتىغان. پارىژ زەمبىرىكى ئوقىنىڭ شۇنچىۋالا يىراققا ئېتىلغانلىقى پۈتۈن ياۋروپانى بىردىنلا زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتتى.
«پارىژ زەمبىرىكى» گېرمانىيىنىڭ «كېرۇپ» ناملىق قورال - ياراق زاۋۇتىنىڭ زەمبىرەك لايىھىلىگۈچىسى ئېبېرھارت تەرىپىدىن لايىھىلەنگەن بولۇپ، مۇدىر فرىتس لاۋسونبېرگنىڭ نازارەتچىلىكىدە ياسالغان. ئۇنىڭ ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى ئانچە چوڭ ئەمەس، ئاران 210 مىللىمېتىرچە كېلىدۇ، لېكىن بۇ زەمبىرەك ئېگىز ھەم چوڭ بولۇپ، زەمبىرەكلەر «گىگانتى» دەپ ئاتالغان، كانىيىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 37 مېتىرچە كېلىدۇ. ئەگەر كانىيى تىك تۇرغۇزىلىدىغان بولسام ئېگىزلىكى 10 نەچچە قەۋەت بىناچىلىك كېلىدۇ، ئۇنىڭغا قارىسا كشىنى راستىنلا سۇر باسىدۇ. زەمبىرەكنىڭ پۈتۈن ئېغىرلىقى 750 توننىغا يېتىدۇ.
پارىژ زەمبىرىكى كۆركەمسىز بولسىمۇ، لېكىن ئەينى زاماندا ئوقى ئەڭ يىراققا بارىدىغان زەمبىرەك ئىدى.
بۇنىڭدىن باشقا، گېرمانىيە 1942 - يىلى يەنە ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى 800 مىللىمېتىر كېلىدىغان تۆمۈر يوللۇق زەمبىرەك ياسىدى، بۇ زەمبىرەكنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 1328 توننا، ئوقىنىڭ ئېغىرلىقى 7.1 توننا بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېغىر زەمبىرەك ھېسابلاندى. يۇقىرىقى ئىككى خىل زور زەمبىرەك زەمبىرەكلەر تارىخىدا مىسلىسىز زەمبىرەكلەر ھېسابلىنىدۇ.