UyghurWiki
UyghurWikiئاڭتاش ئۆڭكۈردىكى ئەڭ ئۇزۇن رەسىملىك كارىدور

تاش ئۆڭكۈردىكى ئەڭ ئۇزۇن رەسىملىك كارىدور

دۇنيادىكى ئەڭلەر قەدىمكى يىپەك يولىدىكى دۇنخۇاڭنىڭ مۇگاۋ تاش ئۆيلىرى نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان تەبىئىي ۋە سۈنئىي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ جايدا ھازىر يەنىلا 16 پادىشاھلىق، شىمالىي ۋېي، غەربىي ۋېي، شىمالىي جۇ، سۈي، تاڭ، بەش دەۋر، سۇڭ، غەربىي شىيا، يۈەن قاتارلىق 10 سۇلالىنىڭ 492 ئۆڭكۈرى ساقلىنىپ قالغان. بۇ ئۆڭكۈرلەردە 45000 كۋادرات مېتىردىن ئوشۇق تام رەسىملىرى، 2000 دىن ئارتۇق ھەيكەل، تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرىنىڭ ياغاچتىن ياسالغان بەش قۇرۇلۇشى بار. ئەگەر بۇ ئۆڭكۈرلەردىكى تام رەسىملىرى بىر - بىرلەپ تىزىپ چىقىلسا، ئۇزۇنلۇقى 25 كىلومېتىر كېلىدىغان رەسىملىك كارىدورنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇنى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن، كۆلىمى ئەڭ زور رەسىملىك كارىدور دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. تاڭ دەۋرىدىكى شېڭلى بىرىنچى يىلى «لى خۇەيراڭ قايتا رېمونت قىلغان مۇگاۋ تاش ئۆيلىرى ئابىدىسى» دا خاتىرىلىنىشچە، مۇگاۋ تاش ئۆيلىرى ئالدىنقى چىننىڭ جيەنيۈەن 2 - يىلى (366 - يىلى) راھىب يۆزۈڭ بۇ يەرگە تۇنجى قېتىم كېلىپ بۇ تاش ئۆڭكۈرنى قازغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، بۇ تاش ئۆڭكۈر 1600 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ