ئەڭ ئېگىز قۇيما ھەيكەل
دۇنيادىكى ئەڭلەر
سوۋېت ئىتىپاقىدىكى «ۋەتەن ئانا» ناملىق قۇيما ھەيكەل ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز قۇيما ھەيكەل بولۇپ، ۋولگاگىرا شەھەر ئەتراپى رايونىنىڭ ۋولگا دەرياسى بويىدىكى بىر كىچىك تاغنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان .
بۇ زور «ۋەتەن ئانا» قويما ھەيكىلى گېرمانىيە قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ستالنىگىراد ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان سوۋېت ئىتىپاقى قەھرىمانلىرىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئورنىتىلغان. بۇ ھەيكەلنى ۋو چېتىك كۆڭۈل قويۇپ لايھىلەپ، 1967 - يىلى پولات چىۋىقلىق بېتون بىلەن ياسىغان.قۇيما ھەيكەلدە بىر قەيسەر ئايالنىڭ ئوڭ قولىدا ئۆتكۈر شەمشەرنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرلەۋاتقانلىق ئوبرازى يارىتىلغان. ۇنىڭ بويىنىڭ ئېگىزلىكى 52 مېتىر، شەمشەرنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئېگىزلىك 85 مېتىر، ئۇلىنىڭ ئېگىزلىكى 16 مېتىر بولۇپ، ئومۇمىي ئېگىزلىك 101 مېتىر، ئېغىرلىقى 6000 توننا كېلىدۇ.
«ۋەتەن ئانا» ھەيكىلى ئورنىتىلىپ ئىككىنچى ئايدا ئۇ بىلىنەر - بىلىنمەس لىڭشىپ قالىدۇ. «ۋەتەن ئانا» نىڭ ئوڭ قولىدىكى شەمشەردىن بىر ئاز گۈرۈلدىگەندەك ئاۋاز چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەيكەلنى ياسىغۇچىلار ئىنچىكە كۆزىتىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، شامال كۈچى زور بولغانلىقتىن تار - ئۇزۇن شەمشەرنى 50 سانتىمېتىر تەۋرىتىدىغانلىقى، ئۇنىڭ يۈزىدە بىر ئەگرى يېرىق پەيدا بولغانلىقىنى سىزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شەمشەرنى قايتا ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ ئىسكېلىتىنىڭ تەركىبىدە ئازراق قېتىشما بولغان پۇلات ماتىرياللىرى بىلەن باغلاپ، پۇلات ئارغامچا بىلەن چىڭ تارتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە قاتتىق بوراننىڭ شەمشەرگە تەسىر يەتكۈزىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن شەمشەرنىڭ ئۈستىدىن شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان تۆشۈكلەرنى تېشىپ قويىدۇ. (تاۋ شىنيۇڭ)