ئەڭ چوڭ پوچتا ماركىسى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
جۇڭگونىڭ 1913 - يىلى تېز ئەۋەتىلىدىغان خەت - چەكلەر ئۈچۈن تارقاتقان پوچتا ماركىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 247.5 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 69.8مىللىمېتىر بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پوچتا ماركىسى ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتىكى خەتلەرگە چاپلىنىدىغان ئەڭ چوڭ ماركا فوجېرانىڭ يەرلىك ئاۋىئاتسىيە پوچتىسىغا ئىشلىتىلىدىغان سەككىز رىئاللىق ماركىسى بولۇپ، ماركىنىڭ يۈزى 66.6 × 104.7 مىللىمېتىر كېلىدۇ. ئەمما خەلقئارا پوچتا ئىتتىپاقى بۇ خىل ماركىنى ئېتىراپ قىلمىغان.