سۇ ئىچىدە نەپەس ئالماي ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت تۇرغان ئادەم
دۇنيادىكى ئەڭلەر
1959 - يىلى 3 - ئاينڭ 15 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتى رىچمۇند شەھىرىدىكى 32 ياشلىق روبېرت. فوستېر سۇ ئىچىدە نەپەس ئالماي 13 مىنۇت 45 سېكۇنت تۇرۇپ، سۇ ئىچىدە نەپەس ئالماي ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇش بويىچە رېكورت ياراتقان. ئۇ سۇغا كىرىشتىن ئىلگىرى ئوكسىگېن بىلەن 30 مىنۇت نەپەس ئالغان.
گېئورگېس پئۇلچۈننى 1912 - يىلى 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى پارىژدا سۇغا كىرىشتىن ئىلگىرى ئوكسىگېن ئىشلەتمەي سۇ ئىچىدە نەپەس ئالماي 6 مىنۇت 29.8 سېكۇنت تۇرغان.
1956 - يىلى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى 34 ياشلىق روبېرت. كىئاست ئامېرىكىنىڭ سان - راپائېل شەھرىدىكى سۇ ئۈزۈش كۆلىدە ھېچقانداق نەپەس ئېلىش ئەسۋاۋى ئىشلەتمەي، سۇ ئىچىدە 10 مىنۇت 58.9 سېكۇنت تۇرغان.