UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ چوڭ دېڭىز بېلىقى

ئەڭ چوڭ دېڭىز بېلىقى

دۇنيادىكى ئەڭلەر لەھەڭ ئاكۇلا ئەڭ چوڭ بېلىق بولۇپ، گەۋدىسىنىڭ چوڭلۇقى جەھەتتىن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ھايۋان -كىتتىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. لەھەڭ ئاكۇلانىڭ ئۇزۇنلۇقى، ئادەتتە بىرقانچە مېتىردىن ئاشىدۇ، 1919 - يىلى سىيام قولتۇقىدىن تۇتۇۋېلىنغان چوڭ لەھەڭ ئاكۇلانىڭ ئۇزۇنلۇقى 17.7 مېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 40 يېرىم توننا كەلگەن. ئۇ ھازىرغا قەدەر مەلۇم بولغان ئەڭ چوڭ لەھەڭ ئاكۇلا ھېسابلىنىدۇ. كىچىك كېمىلەر بۇنداق چوڭ بېلىققا ئۇچراپ قالسا، دەرھال ئۇنىڭغا يول بېرىش كېرەك، بولمىسا ئاغدۇرۇلۇپ كېتىدۇ. لەھەڭ ئاكۇلانىڭ تۇرقى ئالاھىدە بولۇپ، باشقا ئاكۇلالار دىن خېلى كۆپ پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن: ئاكۇلانىڭ ئېغىزى باش قىسىمىنىڭ قورساق تەرىپىدە بولسا، لەھەڭ ئاكۇلانىڭ ئېغىزىنىڭ بېشىنىڭ ئالدىدىكى ئۇچىدا بولىدۇ، ئۇنىڭ ساقىقىمۇ باشقا بېلىقلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ساقاق يايىدا مۈڭگۈز ماددىسىدىن تۈزۈلگەن ساقاق تىرنىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان ئاق ياكى سېرىق داغلار بولىدۇ. گەۋدىسىنىڭ يان تەرىپىدە بېشىنىڭ ئارقىسىدىن تارتىپ قۇيرۇقىنىڭ ئۇچىغىچە ئاق ياكى سېرىق 30 تال توغرا سىزىق بولىدۇ. ھەربىر يېنىدا ئىككى تال كۆرۈنەرلىك تېرە قىرلىرى بولىدۇ. ئۇ غەلىتە كۆرۈنىدۇ. ئوكيان ئاكۇلىسى دائىم تولىشىپ، تىزىلىپ سۇ يۈزىدە ئۈزىدۇ. بەزىدە يېقىن دېڭىزلارغا كېلىپ قالىدۇ. مەملىكىتىمىزدىكى نەنخەي، دۇڭخەي ۋە خۇاڭخەي دېڭىزلىرىدىمۇ لەھەڭ ئاكۇلالارنىڭ بارلىقى مەلۇم بولدى. لەھەڭ ئاكۇلا ناھايىتى ئىشتەيلىك بولۇپ، ھەر قېتىمدا ئېقىنغا ئەگىشىپ ياشىغۇچىلارنى ۋە كېچىك بېلىقلارنى كۆپلەپ يەيدۇ. تويغاندىن كېيىن ھەمىشە سۇ يۈزىدە لەيلەپ ئاپتاپقا قاقىلىنىدۇ. كىشىلەر مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى تۇتىدۇ. ئۇلارنىڭ گۆشى ئانچە تەملىك بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن بېلىق پاراشۇكى ۋە باشقا دورىلارنى ياسىغىلى بولىدۇ؛ جىگىرىدىن بېلىق مېيى، تېرىسىدىن خۇرۇم ئىشلىگىلى بولىدۇ. شۇڭا لەھەڭ ئاكۇلالار خېلى زور ئىقتىسادىي ئەھمىيەتكە ئىگە. پۈتۈن دۇنيادىكى ئاكۇلالار 250 خىلغا يېقىن بولۇپ، كۆپىنىڭ چىشى ئۆتكۈر كېلىدۇ. ئۇلار تېز ئۆسىدۇ. دېڭىز - ئوكيانلاردا ئۇدۇل كەلگەن يەرگە ئۆزىنى ئۇرۇپ، باشقا جانۋارلارنى بوزەك تاپىدۇ. بەزىدە ئادەمگىمۇ ئېتىلىدۇ. شۇڭا دېڭىزدا ئۈزگەندە بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك. لەھەڭ ئاكۇلا بولسا يۇۋاش بولۇپ، كىشلەرگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەيدۇ. (چېڭ جۈنفۇ)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ