UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ كىچىك چېچەكلەيدىغان ئۆسۈملۈك

ئەڭ كىچىك چېچەكلەيدىغان ئۆسۈملۈك

دۇنيادىكى ئەڭلەر پاقا ئوتى بىلەن ئائىلىداش بولغان، ۋولفىيە دەپ ئاتىلىدىغان بىرخىل ئۆسۈملۈك دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك ۋە ئەڭ ئاددىي چېچەكلىگۈچى ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ. ۋولفىيە ئىككى خىللا بولىدۇ، بىر خىلى، مىكروسكوپىك ۋولفىيە ، يەنە بىرى يىلتىزسىز ۋولفىيە دەپ ئاتلىدۇ. لاتىنچە microscopia دېگەن سۆز مكروسكوپ دېگەن مەنىنى، لاتىنچە arrhizaدېگەن سۆزى يىلتىزسىز دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئىككى ئىلمىي ئاتالغۇ بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ شەكىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى، پەقەت مىكروسكوپ ئاستىدىلا كۆرگىلى بولىدىغان دەرىجىدە كىچىكلىكى، ھەتتا يىلتىزى يوق دەرىجىدە ئاددىيلىقىنى ئوبرازلىق ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئۆسۈملۈك ئىسسىق ۋە مۆتىدىل بەلۋاغلاردا ئۆسىدۇ. مەملىكتىمزنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئۆلكىلەر ۋە تەيۋەن ئۆلكىسىدىمۇ ئۆسىدۇ. ئۇلارنىڭ يىلتىزىمۇ، يۇپۇرمىغىمۇ بولمايدۇ، گەۋدىسى خۇددى يېشىل قۇمدەك بولۇپ، تىنچ سۇنىڭ ئۈستىنى قاپلاپ تۇرىدۇ. ھەر بىرىنىڭ ئوزۇنلۇقى ئاران بىر مىللىمېتىرچە كېلىدۇ. كەڭلىكى بىر مىللىمېتىرغا يەتمەيدۇ. ئۇلار ئەڭ قويۇق ئۆسكەن چاغدا، ھەر بىر كۇۋادىرات مېتىر سۇ يۈزىدە بىر مىليون دانچە دانىچە ئۆسىدۇ. ئۇلار چىچەكلەيدىغان ئۆسۈملۈك بولغانلىقتىن، ئۇلاردا ئانىلىق ۋە ئاتلىق چېچەكلەر بولىدۇ. ئۇلار قوش جىنىسلىقمۇ بولىدۇ. چېچەكلىگەندىن كېيىن، يۇمۇلاق، ئۈستى سىلىق مېۋە بېرىدۇ. لېكىن گەۋدىسى بەك كىچىك بولغانلىقتىن ، شۇنىڭدەك بەك ئاددىي بولغانلىقتىن، مۇتلەق كۆپچىلىكى چېچەكلەپ مېۋە بېرىش يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى باكتىرىيىلەرگە ئوخشاش، بىرى ئىككىگە، ئىككىسى تۆتكە . . . بۆلۈنۈش ئۇلار بېلىجانلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئوزۇقى ھېسابلىنىدۇ.(چيۇ ليەنچىڭ، نىدېشياڭ)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ