ئەڭ دەسلەپكى رويال
دۇنيادىكى ئەڭلەر
رويالنى ئىتالىيىلىك كىرىستوفورى (1655 - 1731) ئىجات قىلغان. ئۇ ئەسلىدە «خاباسكوت»(رايالنىڭ تەكتى)نى ياسايتتى. كرىستوفورى 1687 - يىلى فىلورېنسىيە شاھزادىگە تاكى ئۇ 1713 - يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر ياللىنىپ ئىشلەيدۇ. ئۇ 1709 - يىلى تاشقى كۆرۈنۈشى «خاباسكوت» قا تامامەن ئوخشايدىغان، ئەمما ئىچكى تارىسىنىڭ ئاۋاز چىقىرىش قۇرۇلمىسى ئوخشىمايدىغان رويالنى ئىجات قىلىدۇ. بۇ رويال دۇنيا بويىچە تۇنجى رويال ھېسابلىنىدۇ. «خاباسكوت» تار پەي نەيچە بىلەن چېلىنىدۇ. شۇڭا بەزىلەر ئۇنى «كلاۋېسىن» دەپ ئاتايدۇ. رويالدا تارىغا ئارقىغا قايتقۇچى بولقا بىلەن ئۇرغىلى، كۈچنى كونترول قىلغىلى، مۇزىكا ئاۋازىنى قاتتىق ۋە بوش چىقارغىلى بولىدۇ. شۇڭا ئەينى زاماندا مۇنداي يېڭى مۇزىكا ئەسۋابىغا «قاتتىق ياكى بوش چىقارغىلى بولىدىغان خاباسكوت» دەپ نام بېرىلگەن. بوش (piano)ۋە قاتتىق(forte) دېگەن ئىككى سۆزىنى قوشقاندا «pianoforte» بولىدۇ. كېيىن قىسقارتىلىپ«piano» قىلىۋالغان. رويالدىكى ئاۋاز چىقارغۇچى قۇرۇلما بولغان ئارقىغا قايتقۇچى بولقىنى كىرىستوفورى ئىجات قىلغان. بۇ رويال ياساستىكى چوڭ ئىجادىيەت بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.
كىرىستوفورى ئىجات قىلغان رويالدا باشتا پەقەت تۆت گۇرۇپىلا تىل بولغان. ئۇ ياسىغان رويالدىن ھازىرغا قەدەر ئىككىسى ساقلىنىپ كەلمەكتە. بىرى 1720 - يىلى ياسالغان بولۇپ، ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن ئەڭ دەسلەپكى رويال ئامېرىكىنىڭ نيۇ - يورك شەھرىدىكى مەركىزىي سەنئەت مۇزىيىدا ساقلانماقتا. ئۇنىڭ دەسلەپكى بولقىسى يۈتۈپ كەتكەن. ھازىرقى بولقىسى كېيىن ياسالغان. يەنە بىرى 1726 - يىلى ياسالغان بولۇپ، فلورېنسىيىدىكى كىلاۋس مۇزىيىدا ئۇزاق مۇددەت ساقلىنىپ كەلگەن ئىدى. ھازىر گىرمانىيىنىڭ كيولىن شەھرىدىكى ھېيىر قەدىمقى مۇزىكا ئەسۋابلىرى مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ رويالنىڭ ئىچكى زاپچاسلىرىغا «XX» ھەرپى بېسىلغان. مۇتەخسىسىلەرنىڭ ئېسپاتلىشىچە، بۇ رويال كرىستوفورى ياسىغان 2 - رويال بولسا كېرەك. (جيەن مىڭ )