ئەڭ غەلىتە پەتەكلەر ئائىلىسى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
دۇنيادا غەلىتە يوغان ئادەملەرمۇ، پەتەكلەرمۇ بار. بۇنداق بولۇشىنى ئالاھىدە ئىرسىيەت كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى پىگمىلارنى ئالساق، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1038 مېتىرلا كېلىدۇ. ئۇلارنى ئەڭ پاكار مىللەت دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قوشنىسى ۋوتلارنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 1.98 مېتىر كېلىدۇ. دېمەك، پەتەكلەرنىڭ بويى ۋوتلارنىڭ بېلىگە توغرا كېلىدۇ.
ئېرۋىج ئائىلىسىدىكى پەتەك ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللارنى ئالساق، بۇ ئائىلىنى ئەڭ غەلىتە بويلۇق پەتەكلەر ئائىلىسى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تەن تۈزۈلۈشى مۇستەقىل ئاشكارا گېننىڭ داۋاملىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇنداق گېن ئۇلارنىڭ پاكار ئاتا - ئانىسىدىن كەلگەن. بۇ خىل گېن ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ بولغانلىقى ئۇلارنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلەتمەيدۇ.
ئاچا - سىڭىل پەتەك دارلۇئىسلارنىڭ پەتەكلىكىنى تۇغما گىپۇفىز بېزىدىكى ئىللەت كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنداق پەتەكلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ئادەتتە نورمال ئادەملەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن.