ئەڭ ئۇزۇن نۇتۇق سۆزلىگەن كېڭەش ئەزاسى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئامېرىكىنىڭ سەنيىيۇەنلەر تارىخىدا ئەڭ ئۇزۇن نۇتۇق سۆزلىگىنى ئارىگون شتاتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى ۋايېنې مورسى بولۇپ، ئۇ، 1953 - يىلى 4 - ئاينىڭ 24 -, 25 - كۈنلىرى چاۋشى نېفىتلىكىنىڭ قانۇن لايىھىسى ھەققىدە 22 سائەت 26 مىنۇت سۆزلىگەن. بۇ ئارىلىقتا ئۆزىنىڭ ئورنىغا قايتىپ بارمىغان.
ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كارولنا شتاتىدىكى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ كېڭەش ئەزاسى ستروم چۇرموند 1957 - يىلى 8 - ئاينىڭ 28 -, 29 - كۈنلىرى خەلق ھوقۇقى قانۇن لايىھىسى توغرىسىدا 24 سائەت 19 مىنۇت سۆزلىگەن. بۇ ئارىلىقتا بىر يېڭى كېڭەش ئەزاسىنىڭ قىسقا ۋاقىت قەسەم بېرىش تۈپەيلىدىن بىردەم توختاشقا مەجبۇر بولغان.
ئامېرىكىنىڭ تىكساس شتاتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى مىككى مىككوئول 1972 - يىلى 6 - ئايدا، روھىي كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا كېتىدىغان زور مىقدار پۇلنىڭ خامچوتى ھەققىدە 42 سائەت 3 مىنۇت سۆز قىلغان.
كېڭەش ئەزالىرىنىڭ بۇنداق ئۇزۇن سۆزلىشى ئەمەلىيەتتە كېڭەش كۈن تەرتىپىگە توسالغۇلۇق قىلغانلىقى ئىكەن.