UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەي دەسلەپكى ھەجۋىي رەسساملار

ئەي دەسلەپكى ھەجۋىي رەسساملار

دۇنيادىكى ئەڭلەر ھوگارت (1697 - 1764 ) ئەنگىلىيىنىڭ ئويما بەت ياسىغۇچى شاگىرتلىقتىن كېلىپ چىققان ھەجۋىي رەسىم ۋە ئويما رەسىم سىزغۇچى مەشھۇر رەسسامى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئەينى زاماندىكى ئاقسۆڭەكلەر سىنىپى يۇقۇرى قاتلىمىنىڭ رەزىل ئەپتى - بەشىرىسى تازا زەردە بىلەن ئېچىپ تاشلانغان. تۆۋەن قاتلامدىكى جەمئىيەتتىكە بولسا كۆپىنچە ھېسداشلىق بىلدۈرگەن. شۇڭا ھوگارت دۇنيا بويىچە ئەڭ دەسلەپ ھەجۋىي رەسىم سىزىش يولى بىلەن ئىجادىيەت يارىتىپ داڭ چىقارغان رەسسام بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 1731 - يىلدىن كېيىن «پاھىشە ئايالنىڭ ھاياتى»، «لۈكچەكنىڭ ھاياتى» دېگەن رەسىملەرنى سىزغان. ئۇنىڭ 1743 - 1745 - يىللىرى ياراتقان ئالتە پارچە ماي بوياق رەسىمىدىن تەركىب تاپقان «مودىكىلىق نىكاھ» دېگەن چاتما رەسىملىرى مەشھۇر ھەجۋىي رەسىم سانىلىدۇ. بۇ ئەسەردە زاۋالغا يۈز تۇتقان فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ سىياسىتى ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ يېڭى گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيە بىلەن قۇدىلاشقانلىقى توغرىسىدا ھېكايە ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ بۇرژۇئازىيە بىلەن قۇدىلىشىشتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئورۇنغانلىقى پاش قىلىنغان ۋە مەسخىرە قىلىنغان«مودىلىق نىكاھ» دېگەن بۇ ھەجۋىي رەسىم گەرچە ھازىرقى ھەجۋىي رەسىملەرگە خاس خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ ئوبراز ۋەقەلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشتىكى بەزى مۇبالىغە، يۇمۇرلۇق ئۇسسۇل ۋە ئۆتكۈر ھەجۋىيلەردە ھازىرقى ھەجۋىي رەسىملەر بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە. شۇڭا كىشلەرنىڭ گۈزەل سەنئەت تارىخىدا «مودىلىق نىكاھ»نى ئەڭ دەسلەپكى ھەجۋىي رەسىم دەپ باھالىغانلىقى ھەمدە ئاپتۇر ھوگارتنى ھەجۋىي رەسىم سىزىشقا ماھىر ئەڭ دەسلەپكى ھەجۋى رەسسام دەم مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىدە ئاساس بار. ھوگارتتىن كېيىن ھەجۋىي رەسىم سىزىش ماھىرى ئىسپانىيە رەسسامى گويا (1746 - 1828) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 1808 - يىلى فرانسىيىنىڭ ناپالىئون قوشۇنى ئىسپانىيىگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، ھەجۋىي ئۇسسۇل بىلەن ماي بوياقلىق رەسىم «1808 - يىل 2 - ماي» («دۇئېرت دېر سۇر قوزغىلىڭى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ.) «1808 - يىلى 3 - ماي» («فرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىسپانىيە قوزغىلاڭچىلىرىنى قىرغانلىقى»دەپمۇ ئاتىلىدۇ.) ۋە ئويما رەسىملەر توپلىمى «ئۇرۇش ئاپىتى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ياراتقان. (ۋېن جې
← بارلىق تېمىلار ئاڭ