ئەڭ كۆپ قان بەرگەن ئادەم
دۇنيادىكى ئەڭلەر
بىمارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ھامان قان بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. بىمارغا قان بېرىشتە، ئاساسلىقى، قان مىقدارىنى كۆپەيتىش، قان پلازمىسى ئاقسىلىنى ئاشۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن قان ئايلىنىشنى ياخشىلىپ، قان تەركىبىنى ئۆزگەرتىپ، قاننىڭ ئوكسېگىن ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئورگانىزمنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، نورمال ئادەمنىڭ ئومۇمىي قېنى تەن ئېغىرلىقىنىڭ سەككىز پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.
نورمال ئادەم قېنىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى خېلى مۇقىم بولىدۇ، شۇڭا بەدەن مەلۇم سەۋەب بىلەن قانىسا، چىققان قان ئومۇمىي مىقدارنىڭ 10 پىرسەنتىدىن ئاشمىسا، ئۇ ھالدا، ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە ئانچە تەسىر يەتمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، نورمال ئادەم بىر قېتىمدا 200 - 300 مىللىمېتىر قان بەرسە ھېچقانداق چاتاق چىقمايدۇ.
فرانسىيىدە يوسىف ئېرمالېر دېگەن ئادەم 1931 - 1978 - يىللىرى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ جەمئىي 646 قېتىم قان بېرىپ، قان بېرىشنىڭ قېتىم سانى جەھەتتىن دۇنيا بويىچە رىكورت ياراتقان. بىر ئادەمنىڭ شۇنچە كۆپ قېتىم قان بېرەلىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئوتتۇرا ياشلىق ساغلام ئادەم بىر قېتىمدا 200 - 300 مىللىمېتىر قان بەرسە، ئۇنىڭ قان پلازمىسىدىكى سۇ ۋە مېنرال تۇز بىر - ئىككى سائەت ئىچىدە توقۇلما سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق قان تومۇرغا كىرىپ، قاننى تولۇقلايدۇ؛ قان پلازمىسى ئاقسىلى بولسا جېگەرنىڭ ياردىمى بىلەن تېز بىرىكىپ، بىر كۈم ئىچىدە تولۇق ئەسلىگە كېلىدۇ؛ قىزىل قان ۋە ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاستىراق بولسىمۇ، لېكىن ئادەتتە، بىر ئاي ئىچىدە ئەسلىگە كېلىپ بولىدۇ.