خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ ئاساسچىسى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ ئاساسچىسى ج. ھېنرى دىنان شۋېيتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە 1828 - يىلى 8 - مايدا تۇغۇلغان. دىنان جەنۋەدىكى پۇل مۇئامىلە شىركىتىدە خىزمەتچى بولۇپ ئىشلىگەن.
دىنان 1859 - يىلى 24 - ئىيۇلدا شىركەتنىڭ خىزمىتى بىلەن فرانسىيىگە كېتىۋېتىپ ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى شەھەرچە سولفىرىنو ئەتراپىغا بارىدۇ. شۇ چاغدا پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشۇ يېڭىلا پارتلاپ، 15 سائەت دۋام قىلغان شىددەتلىك جەڭدە ئىككى تەرەپتىن 40 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان. سولفىرىنو جەڭ مەيدانى جەسەت بىلەن تولغان بولۇپ، قان دەريا بولۇپ ئاققان. دىنان بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قېتىپ قالغان. ئۇ بىر جىلغىنىڭ يېنىغا كەلگەندە جان تالىشىپ ياتقان بىر يارىدارنىڭ «سۇ! سۇ بېرىڭلار» دەپ ئىڭراۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان، لېكىن ئۇ تەرەپ - تەرەپكە يۈگۈرۈپ باققان بولسىمۇ سۇ تاپالمىغان. دىنان بۇ يارىدارنىڭ ئىڭراپ يېتىپ ئاستا كۆز يۇمغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىغان، كۆز يېشى مەڭزىدىن تارام - تارام ئاققان. دىنان يېقىن ئەتراپتىكى كەنتكە بېرىپ، ئاھالىنى قۇتقۇزۇش ئىشىغا سەپەرۋەرلىك قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن دىنان سولفىرىنودا كۆرگەنلىرى ئاساسىدا «سولفىرىنو ئەسلىمىسى» دېگەن كىتابنى يېزىپ چىققان.
دىنانىڭ تەشەببۇسى قىلىش ۋە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 1863 - يىلى 26 - ئۆكتەبر كۈنى جەنۋەدە 14 دۆلەتنىڭ 18 نەپەر ۋەكىلى قاتناشقان خەلقئارا يىغىن ئېچىلدى. يىغىندا دۇنياۋى پىدائىيلار قۇتقۇزۇش تەشكىلاتىنىڭ يېڭى نامى ۋە بەلگىسى مۇزاكىرە قىلىندى ھەم قارار قىلىندى. ۋەكىللەر ساھىبخان دۆلەت شۋېيتسارىيىنىڭ يىغىنغا قوشقان تۆھپىسىنى تەقدىرلەش، دىنانغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرۈش ئۈچۈن، شۋېيتسارىيىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى تەشكىلاتنىڭ بەلگىسى قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى، پەقەت ئۇنىڭ رېڭىدىلا ئەسلى رەڭنىڭ تەتۈرى قوبۇل قىلىندى. شۋېيتسارىيە دۆلەت بايرىقىنىڭ تېگى قىزىل بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا ئاق كرېست بار ئىدى. تەشكىلات بەلگىسىنىڭ تېگى ئاق بولۇپ، ئوتتۇرىسىغا قىزىل كرېست قويۇلدى، تەشكىلاتنىڭ نامى «خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى» دەپ ئاتالدى.
دىنان قىزىل كرېست قەمئىيىتىنىڭ ئاساسچىسى سۈپىتى بىلەن 1901 - يىلى 10 - دېكابىر كۈنى تۇنجى قېتىم شەرەپلىك ھالدا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئارىدىن توققۇز يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 1910 - يىلى، دىنان كېسەك سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولدى. دىنان تۇنجى قېتىم قۇرغان خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى 1919 - يىلى ۋە 1944 - يىلى ئۇدا ئىككى قېتىم نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
كېيىنكىلەر خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ تىنچلىق ئىشلىرىنىڭ ئاساسچىسى دىناننى خاتىرىلەش ئۈچۈن، شۋېيتسارىيىنىڭ سيۇرىخ شەھىرىدە خاتىرە مۇنارى تىكلىدى. مۇنارنىڭ ئالدى يۈزىگە ئاق كىيىم كىيگەن بىر جەڭچىنىڭ ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغان بىر ئەسكەرگە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ سۇ ئىچكۈزۈۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن قاپارتما نەقىشلىق ھەيكەل چۈشۈرۈلگەن. مۇنارنىڭ ئارقا يۈزىگە مۇنۇ خەتلەر ئۇيۇلغان:
ج. ھېنرى دىنان
1828 - 1910
قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ ئاساسچىسى