تۇنجى تېلېگرامما
دۇنيادىكى ئەڭلەر
تېلېگرامما _ كىشىلەرنى ئالاقىلاشتۇرىدىغان بىر خىل ئالاقە قورالى. ئامېرىكا ئالىمى ساميۇئېل مورزې 1844 - يىلى ئۆزى ياسىغان ئېلكتر ماگىنتلىق تېلېگراف ئاپپاراتىنى ئىشلىتىپ، ئۇزۇن تېلېگرامما لېنىيىسى ئارقىلىق ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى تېلېگرامما بەردى.
مورزې 1837 - يىلى تۇنجى ئېلېكتر ماگىنتلىق تېلېگىراف ئاپپاراتىنى سىناق تەرىقىسىدە ياساپ چىقتى. بۇ تېلېگراف ئاپپارىتى شۇ يىلى 2 - سېنتەبردە نيۇ - يورك ئۇنىۋېرسىتىتېدا كۆرگەزمە قىلىندى، مورزې نەق مەيدانغا بېرىپ ئۆزى ئىشلەپ كۆرسىتىپ زور مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.
مورزې تېلېگراف ئاپپاراتىنى تەتقىق قىلىش ۋە كەشپ قىلىشقا پۈتۈن مال - مۈلكىنى سەرپ قىلدى، ئاپپاراتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە باردى. ئەپسۇسكى، بۇ دۆلەتلەر بۇ ئىشقا مەبلەغ سېلىشنى خالىمىدى. 1843 - يىلىغا كەلگەندىلا، مورزې دۆلەت مەجلىسىدىكى دوستلىرى ئارقىلىق 30 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تېپىپ، ۋاشىنگتون بىلەن بالتىمور ئارىلىقىدا ئەمەلىي تېلېگرامما لېنىيىسىنى ئورناتتى. مورزې ئىككىنچى يىلى 24 - مايدا بالتىموردا تۇرۇۋاتقان ئېرفۇلېدۋېر بىلەن دۆلەت مەجلىسى بىناسىنىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى يىغىن زالىدا بۇ تېلېگرامما لېنىيىسى ئارقىلىق ئۆزئارا تۇنجى تېلېگرامما بېرىشتى. ئۇلار بەرگەن تۇنجى تېلېگرامما «ئاللاھ نېمە دېگەن زور ئىشنى ئورۇنلىدى» دېگەن مەزمۇندا بولۇپ، ئاللاھقا بولغان ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى.