ئەڭ ئۇزۇن ھاشارەت
دۇنيادىكى ئەڭلەر
فاسمىدانىڭ شەكلى غەيرىچە بولۇپ، خۇددى بامبۇك شېخىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. گەۋدىسى بوغۇملۇق بولۇپ، يېشىل ياكى قوڭۇر كېلىدۇ. ئۇلار بامبۇك ئارىلاش چاتقاللىقتا ياشايدۇ. يوپۇرماق يەيدۇ.
فاسمىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ھاشارەت بولۇپ، ئادەتتە ئۇزۇنلۇقى 10 - 20 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئەڭ ئۇزۇنى 33 سانتىمېتىر كېلىدۇ. باشقا ھاشارەتلەرگە ئوخشاش ئۇلارنىڭمۇ بېشىدا بىر جۈپ ئىنچىكە - ئۇزۇن بۇرۇتى بار. كۆكرىكىدە ئۈچ بوغۇم بار. ھەر بىر بوغۇمدا بىر جۈپ ئىنچىكە - ئۇزۇن پۇتى بولۇپ، ئۆمىلەشكە ماسلاشقان. مەملىكتىمىزدە ياشايدىغان فاسمىدالارنىڭ ئادەتتە قانىتى يوق. ھەركىتى ئاستا، كۆپىيىش قابىلىيىتىمۇ يۇقىرى بولمىغان بۇ خىل ھاشارەت قانداق قىلىپ تەبئىي تاللىنىش جەريانىدا شاللىنىپ كەتمەي، ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلۇپ، ئەۋلاتتىن - ئەۋلاتقا ساقلىنى كېلەلىگەن؟ بۇنداق بولۇشىنى ئۇلارنىڭ كۆرۈنىشىنىڭ بامبۇك شاخلىرىغا ئىنتايىن ئوخشاپ كەتكەنلىكى بىلەن ناھايىتى زور مۇناسىۋەتلىك. بامبۇك ئارىلاش ئۆسكەن چاتقاللىقتا «كىچىككىنە بىر تال بامبۇك شېخى» دەرەخ غازاڭلىرى ئارىسىغا چۈشۈپ قالسا، ئۇنىڭغا كىممۇ دىققەت قىلسۇن؟ تىكىلىپ قارىغاندىمۇ، پەرق ئەتمەك تەس، تۈسداشلىق جەھەتتىكى بۇندان ئالاھىدىلىك ئۇلارنى قوغداپ قالغان. ئۇلارنىڭ شاللىنىپ كەتمەي ھازىرغا قەدەر ياشاپ كېلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن. شۇڭا فاسمىدا جانلىق مەۋجۇداتلىرىنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتى ۋە تۈسداشلىقنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ياخشى ماتىريالدۇر. (يۈەن يىلەن)