ئەڭ چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈلگەن تەشىلات
دۇنيادىكى ئەڭلەر
<قارا قۇللار پارتىيىسى> يەنە بىر ئاتىلىشى <كوسانوستىرا> بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەن تەشكىلات ھېسابلىنىدۇ. بۇ تەشكىلات ئامېرىكىنىڭ قانۇن تۈزۈش ئاپپاراتى، ئەدلىيە ئاپپاراتى ۋە ئىجرائىيە ئاپپاراتلىرىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كىرىۋالغان. <قارا قۇللار پارتىيىسى> نىڭ 3,000 - 5,000 ئەزاسى بولۇپ، بۇ <كومىتېت> نىڭ رەھبەرلىكىدە 24 <ئورۇن> غا بۆلۈنگەن. غوللۇق ئادەملىرى ئىتالىيىنىڭ سىتسىلىيە كىشىلىرى بولۇپ، ئۇلار يىل بويى قىمار ئويناش، قوغدىغۇچى بولۇش، ساختا تاۋار ياساش، قانۇنسىز سودا قىلىش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىپ 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىرىم - چىقىم قىلغان. بۇنىڭدىن 25% پايدا ئالغان. <قارا قۇللار پارتىيىسى> دىن بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش - 1931 - يىلى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى بولغان، باشلىقى سالۋاتورامارنزانو بىلەن 40 نەپەر شىرىكىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.