ئەڭ مېزىلىك بۇدىن
دۇنيادىكى ئەڭلەر
فرانسىيىنىڭ ئورىن ئۆلكىسى مورتاگېن - ئاۋپېرچى شەھىرىدە ھەر يىلى بىر قېتىم خەلقئارا بۇدىن مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
1973 - يىلى 3 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىگە (گېرمانىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، ليوكسىمبورگ، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە فرانسىيە) 792 ئورۇن قاتناشقان. < بۇدىنىنى تېتىپ بېقىش جەمئىيىتى> باھالاش ھەيئىتى ئۇلاردىن دەسلەپكى قەدەمدە تاللاپ چىققان. بۇنىڭدا تاللانماي قالغانلار بۇدىنىلىرىنى چوڭ باھالاش ھەيئىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. چوڭ باھالاش ھەيئىتى <بۇدىنىنى تېتىپ كۆرۈش جەمئىيىتى> ۋە قېرىنداش جەمئىيەتلەردىكى (مەسىلەن: پارىژدىكى سان. ئانىتۋونىۋان چوشقا گۆشى پىششىقلاپ ئىشلەش جەمئىيىتى، ئۈزۈم ھارىقى جەمئىيەتلىرى) مۇھىم ئەربابلاردىن تەركىب تاپقان. ئاخىرىدا مەزكۇر جەمئىيەت تەرىپىدىن تېتىپ كۆرۈلۈپ، تاللاپ چىقىلغان. گېرمانىيىنىڭ دورتموند شەھرىدىكى كارى. سىپىرېنگېر بىلەن بېلگىيىنىڭ بىئاربورگ شەھىرىدىكى جاكچوس. گىرمائوكسىلارنىڭ بۇدىنىسى خەلقئارا ئەلا سۈپەتلىك بۇدىن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.