UyghurWiki
UyghurWikiئاڭباھاسى ئەڭ قىممەت بىر ۋاقلىق تاماق

باھاسى ئەڭ قىممەت بىر ۋاقلىق تاماق

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئىراننىڭ 2500 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن 1971 - يىلى 10 - ئايدا پېرىس بولستا زىياپەت ئۆتكۈزۈلۈپ بەش سائەت 30 مىنۇت داۋام قىلغان. بۇ زىياپەتتە دۇنيا بويىچە باھاسى ئەڭ قىممەت بولغان بىر ۋاقلىق تاماق بېرىلگەن. مېھمانلار تۈرلۈك سەيلەرنى يېگەندىن سىرت، يەنە بېلىجان بىلەن قورۇلغان بۈدۈنە تۇخۇمى، نەنتۇئا شەربىتى بىلەن پىشۇرۇلغان قىسقۇچ پاقا، ئىچىگە دورا - دەرمان سىپىپ پۈتۈن پىشۇرۇلغان توز گۆشى كاۋىپى، ئەنجۈر ۋە مالىنا شەربىتىدىن ياسالغان تاتلىق شامپان ھارىقى قاتارلىقلارنىمۇ تېتىغان. ھاراقلار ئىچىدە پارىژنىڭ ماكسىم گەمىسىدە ساقلانغان1945 - يىلىدىكى ئۈزۈم ھارىقى (بىر بوتۇلكىسى 600 فرانك) مۇ بار ئىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ