UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ جەنۇبتىكى ئۆسۈملۈكلەر

ئەڭ جەنۇبتىكى ئۆسۈملۈكلەر

دۇنيادىكى ئەڭلەر جەنۇبنى دائىم ئىللىق تۇرىدىغان،تۆت پەسلى خۇددى باھاردەك ئۆتىدىغان جاي دەپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. لېكىن يەرشارىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى جاي - جەنۇبىي قۇتۇپ يەر شارىدا قىياپىتى ئەڭ غەلىتە جايدۇر. ئۇ يەردە كېچە بىلەن كۈندۈز 24 سائەتلىك دەۋرىي ئايلىنىشقا بولمايدۇ. ھاۋا بوشلۇقى غەلىتە قۇتۇپ نۇرىنىڭ كاشلىسىغا ئۇچرايدۇ. تېمپېراتۇرا دائىم نۆلدىن تۆۋەن 68.5 سېلسىيىگىچە تۆۋەنلەيدۇ. ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ ئالىملار «بوران ماكانى» دەپ ئاتىغان جەنۇبىي قۇتۇپ چوڭ قۇرۇقلۇقىدا شامالنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېزلىكى سېكۇنتىغا 16 كىلومېتىر بولىدۇ. مۇشۇنداق ناچار ئىقلىم شارائىتى ۋە قاقاس ئۈنۈمسىز يەرلەردە كىشىلەر 1934 - يىلى ئانتاركىتىكانىڭ كۈنمۇد تاغلىرىدىن يەرشارىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا تارقالغان. ئۆسۈملۈكلەرنى تاپتى. قاتتىق گىرانت ئۈستىدە بىۋاستە ئۆسىدىغان لىشاينىك ئۆسۈملۈكلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ روشەن گۈل چېچەكلىرى بولماي، كۈلرەڭ يېشىل كەلگەن ئىنتايىن كىچىك يەككىلىكلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئاسانلىقچە جەلپ قىلالمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار تەبىئەتنىڭ ناچار مۇھىتىنى بوي سۇندۇرالايدىغان ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە. لىشاينىك جە نۇبىي قۇتۇپ رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ. ئەملىيەتتە، ئۇ بىرلا خىل ئۆسۈملۈك بولماستىن، بەلكى بىلەن بىللە ياشايدىغان مۇرەككەپ گەۋدىدۇر. يۇسۇنلار فوتوسېنتىزلىشىش ئىشىنى ئېلىپ بېرىپ،مۇرەككەپ گەۋدىگە ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇقنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. گىرىب گەرچە يوسۇنغا ئوخشاش ئىنتايىن ئاجىز قۇياش نۇرى ئاستىدا ئېنىرگىيە ئالماشتۇرالمىسىمۇ، لېكىن كۆپ خىل رول ئوينايدۇ؛ ئۇ ئاجىز يۇسۇن ئىسپورىسىنى تاغ جىنىسلىرى ئۈستىگە تۇراقلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ پۈپۈكلىك يىلىتىزلىرى نەملىكنى سۈمۈرۈپ، يۇسۇننى ئۆز ئالدىغا ئايرىم ھايات كەچۈرگەن ۋاقتىدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ نەملىككە ئىگە قىلىدۇ. بەزى لىشاينىكلاردىكى گىرىبلار مەلۇم ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ تاغ جىنىسلىرىنى ئېرىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن لىشاينىكلارنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن زۈرۈر بولغان ئانئورگانىك ماددىلارنى چىقىرىدۇ. لىشاينىكلار ناھايىتى قەيسەر ھاياتى كۈچكە ئىگە. تەجرىبىلەر ئىسپاتلىدىكى، لىشاينىكلار 70 سېسلىيە ئەتراپىدىكى يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا ھالاك بولماي، ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. نۆلدىن تۆۋەن 268 سېلسىيىلىك تۆۋەن تېمپىراتۇرىدا بىرقانچە سائەت تۇرغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا نۇرمال ئۆسۈشىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ. ھەتتا مۇزىينىڭ ئىشكابىدا 15 يىل تۇرغان لىشاينىك نەملەنسە«ئۆلۈم»دىن تىرىلىدۇ. بۇنداق ئىقتىدارنى باشقا ئۆسۈملۈكلەردە ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدىن لىشاينىكلارنىڭ جانلىقلار ئائىلىسىدىكى رىقابەتتىن چەتلىشىپ، ئالەمنىڭ ئۇ چېتىدە خاتىرجەم خۇشال - خۇرام ياشىغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس.(چيەن جىگۇاڭ)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ جەنۇبتىكى ئۆسۈملۈكلەر | UyghurWiki | UyghurWiki