UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ ئېغىر زەمبىرەك

ئەڭ ئېغىر زەمبىرەك

دۇنيادىكى ئەڭلەر 1954 - يىلى غەربىي گېرمانىيىنىڭ فرانكىفورت شەھىرىنىڭ يېنىدىن بىر مۇنچە زەمبىرەك پارچىلىرى تېپىلغان. بۇ سىۋېرئېر گۇبىتاۋ ۋە دورو شەكىللىك زەمبىرەكلەرنىڭ پارچىلىرى بولۇپ، بۇ خىل زەمبىرەك ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى 800 مىللىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 29 مېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭغا ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىمدا تۈتۈنسىز مىلتىق دورىسىدىن 2,000 كىلوگرام قاچىلىغىلى، ئېغىرلىقى 4,800 كىلوگرام كېلىدىغان توپ ئوقىنى 55 كىلومېتىر يىراقلىققا ئاتقىلى بولىدۇ. يەتتە توننا ئېغىرلىقتىكى بىر دانە ئەڭ چوڭ توپ ئوقىنى ئېتىپ كۆرگەندە 35 كىلومېتىر يىراقلىققا چۈشكەن. بۇنداق زەمبىرەكنىڭ (ئۇنى سۆرەيدىغان ئەسلىھەلىرىنى قوشقاندا) ئېغىرلىقى 1,344 توننا بولۇپ، 1,500 ئادەم بولغاندىلا ئاندىن ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ