ئەڭ دەسلەپكى دۆلەتلىك دوراخانا
دۇنيادىكى ئەڭلەر
تارىخىي كىتابلاردىكى خاتىرىلەرگە قارىغاندا، مەملىكىتىمىزنىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى «دۆلەتلىك دورىخانا» 1067 - يىلى پايتەخت بيەنلياڭ (كەيفىڭ) دا قۇرۇلغان. بۇ چاغدا ئۇ «پىششىق دوراخانا » دەپ ئاتالغان. شۇنىڭدەك «دورا سېتىش ئورنى » دەپمۇ ئاتالغان. بۇ دورىخانا مەملىكىتىمىز بويىچىمۇ، شۇنىڭدەك دۇنيا بويىچىمۇ ئەڭ بۇرۇن ئېچىلغان دۆلەتلىك دورىخانا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ دۆلەت ئېگىلىكىدە بولۇپ ئۇنىڭغا ئاساسلىقى كۇمىلاچ دورا، چارچە دورا، مەلھەم مېنىرال دورا قاتارلىق جۇڭيى تەييار دورىلىرى سېتىلىدۇ. جۇڭيى تەييار دورىلىرى ئىشلىتىشكە، ئېلىپ يۈرۈشكە، ساقلاشقا ئەپلىپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغانلىقتىن كەڭ دوختۇرلار ۋە كېسەللەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. دورىخانا ئېچىلىپ بىرىنچى يىلى 25 مىڭ تىزىق يارماق (بىر تىزىق يارماق مىڭ يارماققا توغرا كېلىدۇ) پايدا ئالغان. ئۇنىڭ پايدىسى تەخمىنەن بىر ھەسسە ئاشقان. شۇڭا بۇنداق دورىخانا ناھايىتى تېز تەرەققى قىلىپ ، 1103 - يىلىغا كەلگەندە بيەنلياڭ شەھىرىدە يەتتە ئورۇندا ئېچىلغان. بۇلارنىڭ پايدىسى ئەسلىدىكى 25 مىڭ تىزىق يارماقتىن ناھايىتى تېز كۆپىيىپ، ھەريىلى 400 مىڭ تىزىق يارماققا يەتكەن. كېيىن بۇ دورىخانا مەملىكەتنىڭ ھەممە ۋىلايەت، ناھىيىلىرىگىچە ھەتتا چېگرا رايونلاردىكى بازار، قورۇللاغىچە كېڭەيتىلگەن. مەسىلەن: خۈەنيەن، خۇەيشى، شىياڭياڭ، سىچۈەن، شەنشى قاتارلىق جايلاردا قورۇلغان.
سۇڭ سۇلالىسى دەۋىرىدىكى «دۆلەتلىك دورىخانا » نىڭ تەشكىلى خېلى مۇكەممەل بولغان. جۇڭيى تەييار دورىلىرىنىڭ ياسىلىشى ۋە سېتىلىشىنى نازارەت قىلىشقا، دورا ماتىرياللىرىنى سېتىۋېلىش ۋە تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا مەخسۇس كىشىلەر قويۇلۇپ، دورىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەخسۇس كىشىلەر دورىلارنى ئوراش ، تەييارلاش، تەتقىق قىلىش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان. بۇرۇنقىلار دورا ياساش تەجرىبىسىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا دورا ياساش ئۇسۇلى ۋە تېخنىكىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرگەن ۋە ئۆستۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇڭيى تەييار دورىلىرىنى تەييارلاش تېخنىكىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن سەۋىيىگە يەتكەن. ئەينى زاماندىكى دورىخانىدا كېچىسى نۆۋەتچى قويۇش، بىرەر جىددىي كېسەل كەلگەندە دەرھال دورا سېتىپ بەرمىگۈچىگە «يۈز كالتەك ئۇرۇش »جازاسى بېرىش، كونىراپ قالغان دورىلارنى ۋاقتىدا تاشلىۋېتىشتەك نۇرغۇن تۈزۈملەر ئورنىتىلغان.
سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى «دۆلەتلىك دورىخانا» نىڭ قۇرۇلۇشى مەملىكىمىزدىكى جۇڭيى تەييار دورىلىرىنى ئىشلەش تەرەققىياتىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىدى. ئۇ ياسىغان نۇرغۇنلىغان داڭلىق جۇڭيى تەييار دورىلىرى مەسىلەن: سۇخې - شياڭۋەن، زىشۇدەن، جىباۋدەنگە ئوخشاش دورىلار 700 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان داۋالاش ئەمىلىيىتىدە سىناقتىن ئۆتۈپ، بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ياخشى ئۈنۈم بېرىپ كەلمەكتە. (ۋۇ خۇڭجۇ)