UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ چوڭ چاشقان

ئەڭ چوڭ چاشقان

دۇنيادىكى ئەڭلەر چاشقانلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ. ئوخشاش بولمىغان چاشقانلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىمۇ ناھايىتى چوڭ پەرق قىلىدۇ، ياشاش ئادىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئامېرىكا قىتئەسىدە ياشايدىغان بالىسىنى يۈدۈۋالىدىغان چاشقان دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ چاشقان سانىلىدۇ. ئۇلار ناھايىتى چوڭ بولۇپ، چوڭ مۈشۈكچىلىك كېلىدۇ، ئۇلار دائىم بالىلىرىنى يۈدۈۋالىدۇ، بالىلىرى قۇيرۇقىنى ئىلىۋالسۇن ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ قۇيرۇقىنى دىڭگايتىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يول يۈرگەندە بالىلىرى ئانىسىنىڭ دۈمبىسىدىن چۈشۈپ كەتمەيدۇ. شۇڭا كىشىلەر بۇنداق چاشقانلارنى بالىسىنى يۈدۈۋالىدىغان چاشقانلار دەپ ئاتايدۇ. بالىسىنى يۈدۈۋالىدىغان چاشقانلار باشقا چاشقانلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇلار كۈشەندىسىگە ئۇچراپ قالغاندا، «ئوتتۇز ئالتە ئامال، ياخشىسى كېتىپ قال» دېگەننىڭ ئەكسىچە، تۆت پۇتىنى كۆتۈرۈپ ئوڭدىسىغا يېتىپ، قورسىقىنى كۆپتۈرۈپ ئۆلگەن بولىۋالىدۇ. كۈشەندىسى كەتكەندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ تەمتىرىمەي بىمالال كېتىۋېرىدۇ. بالىسىنى يۈدۈۋالىدىغان چاشقانلارنىڭ قورسىقىدا كىچىككىنە خالتىسى بولىدۇ، لېكىن ئۇ ئاۋسترالىيىدە ياشايدىغان كېنگۇرۇلارنىڭ خالتىسىدەك ئەسقاتمايدۇ. بالىسىنى يۈدۈۋالىدىغان چاشقانلارنىڭ تېرىسى ناھايىتى قىممەتلىك بولىدۇ. ئامېرىكا قىتئەسىدە ياشايدىغان بالىسىنى يۈدۈۋالىدىغان چاشقانلار ئىككى خىل بولىدۇ: بىر خىلى، قۇرۇقلۇقتا ئۆسىدۇ، ئۇلار ئورمانلىقتا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى يەيدۇ؛ يەنە بىر خىلى، دەريا - كۆل ياقىلىرىدا ياشايدۇ، دائىم سۇدا ئۈزۈپ يۈرۈپ، ھەرخىل بېلىق ۋە قىسقۇچ پاقىلارنى تۇتۇپ يەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ چوڭ چاشقان | UyghurWiki | UyghurWiki