ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئالدىراش پورت
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئامېرىكىنىڭ نيو - يورك پورتى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئالدىراش پورت ھېسابلىنىدۇ. پىرىستاننىڭ ئۇزۇنلۇقى 1215 كىلومېتىر كېلىدۇ (750 كىلومېتىرى نيو - يورك شەھىرى ئىچىدە، 475 كىلومېتىرى نيۇجېرس شەھىرىدە)، كۆلىمى 238 كۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، جەمئىي 261 يۈك پاراخوتى توختاش ئورنى ۋە 130 ئاسما كۆۋرۈكلۈك پىرىستانى بار، 391 پاراخوت بىرلا ۋاقىتتا توختاپ تۇرالايدۇ. ئىسكىلاتنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 170.94 گىكتار كېلىدۇ.
ياۋروپادىكى ئەڭ ئالدىراش ۋە ئەڭ چوڭ سۈنئىي پورت - گوللاندىيىنىڭ روتېردام پورتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ پورتنىڭ كۆلىمى 100 كۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، 1976 - يىلى 31 مىڭ 993 ئوكيان پاراخوتى ۋە 200 مىڭ تىگى تۈز چاتما پاراخوتنى قوبۇل قىلغان بۇ پورتتا بىرلا ۋاقىتتا 310 ئوكيان پاراخوتى توختىيالايدۇ. سۇ ئاستىغا چۆكۈپ تۇرىدىغان قىسمى 20 مېتىر كېلىدىغان 251 مىڭ توننىلىق چوڭ پاراخوتلارمۇ بۇ پورتقا كىرەلەيدۇ.