UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدىغان يوپۇرماق

ئەڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدىغان يوپۇرماق

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئافرىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى دېڭىز ياقىسىغا يېقىن تار - ئۇزۇن قۇملۇق بەلۋاغتا يىراققا نەزەر تاشلىسىڭىز، چوڭ دەرەخلەرنىڭ كۆتەكلىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئۇيەر بۇيەردە ئۆسكەن نەرسىلەرنى كۆرىسىز. بۇلار ۋېلۋىچىيە دەپ ئاتىلىدۇ. ۋېلۋىچىيە بەكمۇ غەلىتە ئۆسىدۇ. كۆتەككە ئوخشايدىغان نەرسە ئۇنىڭ غولى بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 سانتىمېتىرغا يەتمەيدۇ.بىراق ئۇ ناھايىتى يوغان بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 سانتىمېتىرغا يەتمەيدۇ، بىراق ئۇ ناھايىتى يوغان بولۇپ دىئامېتىرى تەخمىنەن 60 سانتىمېتىرچە كېلىدۇ. ۋېلۋېچىيىنىڭ پۈتۈن ھاياتىدا ئىككىلا يۇپۇرمىقى بولۇپ، بۇلار ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ ساقلىنىپ 100 يىلدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرىدۇ. شۇڭا ئۇ 100 يىل ئۆمۈر كۆرىدىغان يوپۇرماق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ يوپۇرماق ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسىدا ئەڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدىغان يوپۇرماق سانىلىدۇ. ۋېلۋىچىيىنىڭ تېرىدەك ئىككى يوپۇرمىقى غولىنىڭ ئۇچىنىڭ ئىككى يېنىدىن ئۆسۈپ چىققان بولۇپ، ئوڭ ۋە سول تەرەپكە قايرىلىپ يەرگە تېگىپ تۇرغاچقا، گويا ئىككى كەڭ تاسمىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. يۇپۇرماق غولىنىڭ تۈۋىدىن توختىماي ئۆسۈپ تۇرغاچقا قېلىنراق ۋە قاتتىقراق بولىدۇ. يۇپۇرماقنىڭ ئۇچى ئۈزلۈكسىز بۇزۇلۇپ تۇرغاچقا نېپىزرەك ۋە يۇمشاقراق بولىدۇ. بەلكى خۇددى جالادەك پوپۇكلەپ كېتىدۇ. يوپۇرماقنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2 - 3 مېتىر كېلىدۇ. ئەڭ ئۇزۇنى 6 - 7 مېتىرغا يېتىدۇ. كەڭلىكى تەخمىنەن 30 سانتىمېتىرغا كېلىدۇ.پۈتۈن يوپۇرماقنىڭ تۈۋى يېشىل بولۇپ، فوتوسېنتىزلىق رولىنى ئۆتەيدۇ. ۋېلۋىچىيە ئايرىم جىنسلىق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ھەريىلى چېچەكلەيدۇ. غۇنچىسى قىپ - قىزىل، ئۇرۇغى قاناتلىق بولۇپ، شامالنىڭ ئۇچۇرۇشى بىلەن «ئەۋلاد» قالدۇرىدۇ. ئادەتتەچوڭ ۋە قۇرغاق رايونلاردا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى ئاينىشىغا قاراپ يۈزلىنىپ، تىكەنلىشىپ بارىدۇ. ھەممىگە مەلۇم بولغان كاكتۇس ئەنە شۇلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى. ۋېلۋىچىيىدە نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرمەي ئەكىسچە ئۇنىڭ يوپۇرمىقى شۇنچىۋالا يوغىنايدۇ ھەمدە قۇرۇپ كەتمەي 100 يىلدىن ئارتۇق ياشايدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇنىڭ يىلتىزى ئۇزۇن، تۈز، چوڭقۇر بولۇپ، يەر ئاستى سۈيىنى سۈمۈرەلەيدۇ. بۇنىڭ ئۈسىتىگە ئۇ دېڭىز قىرغاقلىرىغا يېقىن قۇملۇقلاردا ئۆسىدىغان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن كەلگەن، سۇغا تويۇنغان تامان پەيدا قىلغان شەبنەمدىنمۇ كۆپ مەنپەئەتدار بولىدۇ. ئۇ يەرئاستى سۈيىدىنمۇ، ھاۋادىكى سۇدىنمۇ بەھىرىمەن بولغانلىقتىن، قۇرغاقچىلىقتىن قورقماي ئۇزاق مۇددەت ساقلىنىپ قالىدۇ ھەمدە 4 پەسىلنىڭ ھەممىلا ۋاقتىدا گۈللەپ ياشنىيالايدۇ. ۋېلۋېچىيە يۈز ياشقا كىرىدىغان ئورخىدىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىراق ئۇ ئورخىدىيە گۈلى ئەمەس، ئورخىدىيە ئائىلىسىگىمۇ كىرمەيدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭغا بۇنداق نەپىس گۈلنىڭ نامىنى بەرگەن. بۇنىڭدىن كىشىلەر ئۇنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ۋېلۋىچىيە ئەترىتى ، ۋېلۋىچىيە ئائىلىسى، ۋېلۋىچىيە ئۇرۇغىغا كىرىدۇ. مۇشۇ ئەترەت، مۇشۇ ئائىلە ۋە مۇشۇ ئۇرۇقتىن پەقەت مۇشۇ بىر تۈرىلا قېپ قالغان. شۇڭا ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدا يەككە - يىگانە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ھازىر يەر شارىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدە قالدۇق بولۇپ قېپقالغان ۋە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان تۈرلەرنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى. ۋېلۋىچىيە ئائىلىسىدىكىلەر ئەسلىدە ناھايىتى كۆپ بولۇپ، گىئولوگىك يىللاردا بىر مەھەل تازا راۋاج تاپقانىدى. ئۇلار بۇنىدىن تەخمىنەن 20 يىل ئىلگىرى ئۆتكەن تۆتلەمچى دەۋردىكى مۇز دەۋرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئەزالىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئۇرۇقى قۇرۇپ، پەقەت ۋېلۋىچىيىلا «تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ» ئاپەتتىن قۇتۇلۇپ قالغان. ( خۇاڭ چا، نې دېشياڭ)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ