ئەڭ ئېگىز يەرلەرگە تارقالغان يىلانلار
دۇنيادىكى ئەڭلەر
يىلانلار تىك تارقىلىش دائىرىسى جەھەتتىن چەكلىنىدۇ، بۇ ھال تېمپىراتۇرا بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى دېڭىز يۈزىدىن ھېسابلىدىغان ئېگىزلىك ھەر 100 مېتىر كۆتۈرۈلگەندە، تېمپىراتۇرا ئوخشاش كەڭلىتكتىكى رايونلارغا قارىغاندا قارىغاندا 0.65 سېلسىيە تۆۋەنلەيدۇ. دېڭىز يۈزىدىن 2000 مېتىر جايدا تېمپىراتۇرا ئوخشاش كەڭلىكتىكى دېڭىز يۈزىدىن 13 سېلسىيەدىن كۆپرەك تۆۋەن بولىدۇ. تېمپىراتۇرا ھەددىدىن ئارتۇق تۆۋەن بولغان دېڭىز يۈزىدىن يۇقۇرى رايونلاردا يىلانلارنىڭ ياشىشىغا پايدىسىز. بۇنداق جايدا يىلانلارغا ئوزۇق بولىدىغان جانۋارلارمۇ ئازراق بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇنداق جايلار يىلانلارنىڭ تۇخۇم تۇغۇپ كۆپىيىشىگە پايدىسىز. شۇڭا دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1000 مېتىرغا يەتمەيدىغان رايونلاردا يىلانلار ئەڭ كۆپ بولىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن 2000 مېتىردىن كۆپرەك ئېگىز رايونلاردا يىلانلار كۆپ ئۇچىرىمايدۇ. يىلانلار ئىچىدە تىك تارقىلىش بويىچە ئەڭ يۇقىرى رىكورت ياراتقانلىرى ھىمالايا تاغلىق رايونغا تارقالغان ھىمالايا ئاگرىسترودونى (AgRstrodon himalayana) بولۇپ، بۇلار دېڭىز يۈزىدىن 4880 مېتىر ئېگىز جايلاردا ياشايدۇ. مەملىكىتمىزدە ئىككى خىل يىلاننىڭ تىڭ تارقىلىش ئېگىزلىكى ئۇنىڭدىن ئانچە زور پەرقلەنمەيدۇ؛ بۇلاردىن بىرى، شۇشەن ئاگرىسترودونى (AgRistrodon monticola) بولۇپ، بۇلار يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ لىجياڭ ناھىيىسىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىز بولغان داشۇشيەن تېغىغا تارقالغان. يەنە بىر خىلى ئارشاڭ يىلىنى (Thermophisbaileyi) بولۇپ، بۇلار شىزاڭ ئېگىزلىكىگە تارقالغان. جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى چېڭدۇ بىئولوگىيە تەتقىقات ئورنىدىكى تەتقىقاتچىلار بۇلارنى داڭشيۇڭ ناھىيىسىنىڭ ياڭباجىڭ دىگەن يېرىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 4350 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان ئارشاڭ ئەتراپىدىن تاپقان. تىڭ تارقىلىشنىڭ تۆۋەن چېكى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. دېڭىز بويىدىكى پەس جايلاردا يىلان بولۇپلا قالماي، بەلكى دېڭىز يىلىنى ئائىلىسىدىكى يىلانلار ئۆمۈرۋايەت دېڭىز سۈيىدە ياشايدۇ. (جاۋ ئېرمى)