ئەڭ ئۇزۇن ۋە ئەڭ قىسقا پاپىروس
دۇنيادىكى ئەڭلەر
<باش سۈرئىتى ئويۇنى> ماركىلىق پاپىروس دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولۇپ، ھەر بىر تېلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 28 سانتىمېتىر كېلىدۇ، بۇ پاپىروس 1930 - يىلى ئامېرىكىدا سېتىلغان، كىشىلەر تاماكا بېجىنىڭ كۆپ ئېلىنىشىدىن قېچىپ بىر قاپقا بەش تال پاپىروس قاچلىغان.
1956 - يىلى ئەنگلىيىدە سېتىلغان <پاپىلار دۆلىتى> ماركىلىق پاپىروس دۇنيا بويىچە ئەڭ قىسقا بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3.2 سانتىمېتىر كېلىدۇ.