UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ سىرلىق خىيالىي كۋادرات

ئەڭ سىرلىق خىيالىي كۋادرات

دۇنيادىكى ئەڭلەر خىيالىي كۋادرات سېھرىي كۋادرات دەپمۇ ياكى گىرەلەشكەن شەكىل دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئومۇمىي ئېنىقلىمىسى بۇنداق: بىردىن باشلاپ n نىڭ ئىككىنچى دەرىجىسىگىچە بولغان ناتورال سانلارنى تىك ۋە توغرا تەرەپلەرنىڭ ھەرقايسىسىغا n دانىدىن ئۇرۇنلاشتۇرۇشتىن ھاسىل بولغان كۋادراتنىڭ ئوخشاش يول، ئوخشاش سىتون ياكى ئوخشاش دىئاگونال ئۈستىدىكى بىرقانچە ساننىڭ يېغىندىسى ئۆزئارا تەڭ بولىدۇ. دۇنيا بويىچە ئىلىم ئەھلىلىرى خىيالىي كۋادراتنىڭ ئەڭ دەسلەپتە جۇڭگودىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىردەك ئېتراپ قىلىدۇ. مەملىكىكىتىمىزنىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۈچ يوللۇق گىرەلەشكەن شەكىل بارلىققا كېلىپ، توققۇز ئوردا دەپ ئاتالغان جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ياڭ خۈيخەي 10 . . . . .5،4،3= n يوللۇق گىرەلەشكەن شەكىلنى ئىشلەپ چىقارغان. توققۇز ئوردا بىلەن باغلىنىشلىق يەنە بىر رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، شايۈي سۇنى تىزگىنلىگەندە، لۇشۈي دەرياسىدا (ھازىرقى لوياڭ ئەتراپىدا) بىر چوڭ تاشپاقا سۇ ئۈستىگە لەيلەپ چىقىپ قاپتۇ. ئۇنىڭ دۈمبىسىدە ئاجايىپ شەكىل يەنى توققۇز ئوردا بار ئىكەن. كىشىلەر ئۇنى «لونامە» دەپ ئاتاپتۇ. بۇنداق بولغاندا، مەملىكىتىمىزدە خاتىرلەنگەن خىيالىي كۋادراتنىڭ تارىخى تېخىمۇ قەدىمگە سۈرۈلگەن بولىدۇ. خىيالىي كۋادرات كىشىلەرنى ناھايىتى ئاسان قىزىقتۇرىدىغان بىرخىل «تەبىئەت تېپىشمىقى» ھېسابلىنىدۇ. ھازىر كىشىلەر خىلمۇ - خىل خىيالىي كۋادراتلارنى مەسىلەن : مەركەزداش خىيالىي دۋادرات، بۆلەكلىك خىيالىي كۋادرات، ئات قەدىمىسىمان خىيالىي كۋادرات، تۈپ سانلىق خىيالىي كۋادرات ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنى ئارقىمۇ - ئارقا تاپماقتا. بۇلار شەكىل جەھەتتىن غەلىتە ، خۇسۇسىيەت جەھەتتىن ئاجايىپ - غارايىپ بولۇپ، خۇددى ماتېماتىدىكى «بېرمۇدا ئۈچ بولۇڭى »غا ئوخشايدۇ. خىيالىي كۋادراتنى تەتقىق قىلغۇچى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ سىرلىقى كېيىنكى بەتتىكى «قوش خىيالىي كۋادرات» تىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. بۇ سەككىز باسقۇچلۇق خىيالىي كۋادرات بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر بىر يول، ھەر بىر سىتون ۋە ھەر بىر دىئاگونال ئۈستىدىكى سەككىز ساننىڭ يىغىندىسى پۈتۈنلەي ئوخشاش، ئۇنىڭ تۇراقلىق سانى 840 بولىدۇ؛ مۇشۇنداق بولۇپلا قالماستىن ئۇنىڭ ھەر بىر يول، ھەر بىر سىتون ۋە ھەربىر دىئاگونالىدىكى سەككىز ساننىڭ كۆپەيتمىسىمۇ پۈتۈنلەي ئوخشاش بولىدۇ، ئۇنىڭ تۇراقلىق سانى 000، 856، 231، 068،058،2 بولىدۇ. كىتابخان، ئەگەر بۇنىڭغا ئىشەنمىسىڭىز، ئۆزىڭىز ھېسابلاپ چىقىڭ. بۇنداق خىيالى كۋادرات سانلىرىنىڭ يىغىندىسى بىلەن كۆپەيتمىسى ئۆز ئارا ئوخشاش بولغانلىقتىن، ئۇ «قوش خىيالىي كۋادرات» دەپ ئاتالغان. بۇ خىل خىيالىي كۋادراتنى ھازىرغا قەدەر كىشىلەر تەتقىق قىلىپ ئىگەللەپ كېتەلمىدى. ئۇنىڭ قانۇنىيىتى بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم تېپىلىدۇ. (تەن شياڭبۇ)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ