ئەڭ مەبلىغى ئەڭ كۆپ كارخانا
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئامېرىكىنىڭ نيو - يورك شەھىرى برو ئادۋاي كوچىسىدىكى 195 - نومۇرلۇق <بېل سىستېمىسى> دۇنيا بويىچە مەبلىغى ئەڭ كۆپ كارخانا. ئۇ، ئامېرىكىدىكى چوڭ - كىچىك تېلېفۇن ۋە تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭ 1976 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە ئومۇمىي بايلىقى 80 مىليارد 156 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بۇ شىركەتنىڭ 123 مىليون تېلېفۇنى، 927 مىڭ ئىشچى - خىزمەتچىسى بار. 1974 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە بۇ شىركەتكە پاي قوشقانلارنىڭ سانى باشقا ھەر قانداق شىركەتلەردىن ئېشىپ كەتكەن. ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق پايچىكتىن 20 مىڭ 109 ى، 1961 - يىلى 4 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق يىغىنغا قاتنىشىپ دۇنيا بويىچە رېكورت ياراتقان.