ئەڭ كۆپ پۇل سەرپ قىلىنغان بىر قېتىملىق سۈزۈپ ئېلىش
دۇنيادىكى ئەڭلەر
1966 - يىلى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنىگىچە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئىسپانىيىنىڭ پالومارئېس دېڭىزىدىن ئېغىرلىقى 1.270 كىلوگرام پارتلاش كۈچى 20 مىليون توننا كېلىدىغان بىر دانە ۋودورود بومبىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سۈزۈپ ئالغان. بۇ ۋودورود بومبىسى ئەسلىدە B - 52 شەكىللىك بىر بومباردىمانچى ئايروپىلانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئايروپىلان بۇزۇلۇپ قېلىپ غەرق بولغاندا سۇ ئىچىدە قالغان. بۇ سۈزۈپ ئېلىش قۇرۇلۇشىغا 13 پاراخوت ۋە 2,200 نەپەر ئادەم قاتناشقان، 150 مىليون فرانك ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ، دۇنيا بويىچە بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ پۇل سەرپ قىلغان سۈزۈپ ئېلىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەشغۇلاتنى ئېلىپ بارغاندا كالىفورنىيە شتاتىدىن ھاۋا قاتنىشى ئارقىلىق كابىل بىلەن كونترول قىلىنىدىغان بىر دانە دېڭىز ئاستىنى تەتقىق قىلىش C.U.R.V ماشىنىسى يۆتكەپ كېلىنگەن. بۇ ماشىنا <ئالۋىن> ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان، پاراخوتتا ئىككىلا خادىم بولۇپ، ئاخىرىدا 368 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇ ئاستىدىن ۋودورود بومبىسى سۈزۈپ ئېلىنغان.