UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ ئېگىز بىنا

ئەڭ ئېگىز بىنا

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئېگىزلىكى 380 مېتىر كېلىدىغان 85 قەۋەتلىك ئىمپىرىيە شىتاتى بىناسى 60 - يىللارغىچە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز بىنا سانىلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ نيۇ - يۇرك شەھىرىدىكى 5 - نومۇرلۇق ئاۋات كوچىغا سېلىنغان. بىنانىڭ ئەڭ تۆۋەنكى 5 قەۋىتىنىڭ كۆلىمى 7700 مېتىر بولۇپ، 6 - قەۋىتىدىن باشلاپ تارىيىشقا باشلايدۇ. 85 - قەۋىتىگە كەلگەندە تارىيىپ 960 مېتىرغا چۈشىدۇ. 85 - قەۋىتىنىڭ ئۈستىدە دىئامېتىرى 10 مېتىر، ئېگىزلىكى 61 مېتىر كېلىدىغان يۇمىلاق مۇنار بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 17 قەۋەت بىناچلىق كېلىدۇ. شۇڭا كىشىلەر بۇ بىنانى ئادەتتە 102قەۋەتلىك بىنا دەپ ئاتايدۇ، بۇ بىنانىڭ يەردىن مۇنارىنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئېگىزلىكى 380 مېتىر كېلىدۇ. ئىمپىېرىيە شىتاتى بىناسى 1929 - يىلى ئۆكتەربىردە سېلىنغاندىن باشلىنىپ، 1931 - يىلى يانۋاردا پۈتۈنلەي پۈتۈپ پايدىلىنىشقا تاپشۇرۇلغان. جەمئىي 19 ئايدا پۈتكەن. بۇ بىنانى 102 قەۋەت ھېسابلغاندا، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر كۈندە بەش قەۋىتى پۈتكەن! 1945 - يىلى 28 - ئىيۇلدا 52 - Bبومباردىمانچى ئايرۇپىلان بىنانىڭ 79 - قەۋىتىگە سوقۇلۇپ كەتكەندە، بىنانىڭ بىر لىفىتى چۈشۈپ كەتكەن. بىريان لىمى ۋە بىر قىسىم پوللىرى بۇزۇلغان. بىنانىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسىغا زىيان - زەخمەت يەتمىگەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بىنا قۇرۇلغاندىن بۇيان ئەڭ زور تەۋرىنىشى 7.6 سانتىمېتىر بولۇپ، بىخەتەرلىككە قىلچە تەسىر يەتكۈزمىگەن. ئارىدىن قىرىق يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئەڭ ئىگىز بىنا دېگەن تاج نيۇ - يوركتىكى مانخاتتان ئارىلىغا سېلىنغان دۇنيا سودا مەركىزىگە كىيگۈزۈلدى. بۇ سودا مەركىزى 1969 - 1973 - يىللىرى سېلىنغان بولۇپ، جەمئىي 110 قەۋەت، ئېگىزلىكى 411 مېتىر كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دېگۈدەك، يەنى 1970 - 1974 - يىللىرى چىكاكودىكى ۋارك چوڭ يولىغا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز بىنا - سېئارس بىناسى سېلىندى. بۇ بىنانىڭ ئېگىزلىكى 1973 - يىلى 6 - مارت چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە104 قەۋەتكە يەتكەندە، ئېگىزلىكى دۇنيا سودا مەركىزىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ بىنا جەمئىي 113 قەۋەت، يەر ئۈستىدىكى 110 قەۋەت، يەر ئاستىدىكى 3 قەۋەت، ئېگىزلىكى 443 مېتىر، بىنانىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 418000 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلگەن پۇلات ماتىريالى 76000 توننا، بېتون 557000 كۇپ مېتىر، بۇ بىنانى سوم قۇرۇلۇش ئورنى لايىھىلىگەن. ئۇنىڭغا باغلانما كانايلىق قۇرۇلما شەكلى قوللىنىلغان بولۇپ، ئۈستى تەدرىجى تارىيىپ بارىدۇ. 1 - قەۋەتتىن 50 - قەۋەتكىچە كۋادرات شەكلىدىكى 9 كانايدىن تەركىب تاپقان؛ 51 - قەۋەتتىن 66 - قەۋەتكىچە كەسمە قارمۇ - قارشى بۇلۇڭ تەقلىدتە بولۇپ، يەتتە كانايدىن تەركىب تاپقان. 67 - قەۋەتتىن 90 - قەۋەتكىچە يەنە كەسمە قارىمۇ - قارشى بۇلۇڭ تەقلىدتە بولۇپ، «+» شەكلىنى ئېلىپ، 5 كانايدىن تەركىب تاپقان؛ 91 - قەۋەتنىڭ ئۈستى ئىككى كانايدىن تەركىب تاپقان. شۇڭا بۇ بىنانىڭ تۇراقلىقى ياخشى بولۇپ، شەكلى ئۆزگىرىپ بارغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە شامال كۈچىنىڭ تەسىرىنى كېمەيتەلمەيدۇ. سېئارىس بىناسىنىڭ قۇرۇلۇشى ھازىرقى زامان قۇرۇلۇش تېخنىكىسىنىڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيىتىنى گەۋدىلەندۈردى. ئامېرىكا 80 - يىللاردا 150 قەۋەتلىك ئاسمانغا تاقاشقان بىنا سېلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ، ئەھۋالغا قارىغاندا، بىنا قۇرۇلۇشىنىڭ ئېگىزلىكى داۋاملىق ئېشىپ بارىدۇ. (خۇاڭ ۋېيجيا)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ ئېگىز بىنا | UyghurWiki | UyghurWiki