UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ ئېگىز ئۆسكەن يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈك

ئەڭ ئېگىز ئۆسكەن يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈك

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئامېرىكىنىڭ كالفورنىيە شىتاتىدىكى «قىزىل شەمشاد دۆلەت باغچىسى» دا ئاسمانغا تاقاشقۇدەك بىر زور دەرەخلەر ئورمانلىقى بار. بۇ زور دەرەخلەر «دۇنيانىڭ بوۋىسى» دېگەن نام بىلەن دۇنياغا داڭقى چىققان. بۇلار يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ زور شەمشاد ئۇرۇغىغا كىرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېگىزى 115 مېتىر كېلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدىن بىر تۆشۈك ئېچىلسا، ئۈچ ئاپتوموبىل قاتارىسىغا ئۆتەلەيدۇ. بۇ دەرەخ زور بولۇش بىلەنلا قالماي، بەلكى ئۆمرىمۇ ئۇزۇن، ئۇ 3500 ياشقا كىرگەن. شۇڭا ئۇ «دۇنيانىڭ بوۋىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. زور شەمشاد شۇنچىلىك چوڭكى، بىر زور شەمشادتىن چىققان ياغاچ بىلەن 5 ئېغىزلىق ئۆيدىن قىرىق يۈرۈش ياسىغىلى بولىدۇ. بۇنداق ئېگىز ۋە زور دەرەخلەر ھازىر پەقەت ئامېرىكىنىڭ غەربىدىكى سىيېرا - نىۋادا تاغ تىزمىسىنىڭ غەربىي ئېتىگىدە دېڭىز يۈزىدىن 1500 - 2500 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان ئازغىنە جايدىلا ساقلىنىپ قالغان. بۇ جاينىڭ ئىقلىمى دېڭىز - ئوكيان خاراكتىرىدىكى ئىللىق نەم ئىقلىم. بۇنداق زور شەمشاد دەرەخلىرى بۇنىڭدىن تەخمىنەن 70 مىليون يىل ئىلگىرى يەر شارىنىڭ شىمالىي يېرىم شارىغا كەڭ تارقالغان. تەخمىنەن ئىككى مىليون يىل ئىلگىرى مۇزلۇق ھەركىتى بولغاندا، دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئۇلارنىڭ ئۇرۇغى قۇرىغان. ئۇلار پەقەت مۇزلۇق يېتىپ بارالمىغان كالفورنىيىدىلا ساقلىنىپ قالغان. ئۇلارنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرى ئاسىيا، ياۋروپا، گىرېنلاندىيە ۋە چىلى قاتارلىق جايلاردىنمۇ تېپىلغان. شۇڭا كىشىلەر ئۇلارنى جانلىق تاشقا ئايلانغان قالدۇق دەپمۇ ئاتايدۇ. زور شەمشادنىڭ يېشىنى قاندا بىلگىلى بولىدۇ. ھازىرقى ۋاقىتتا مەخسۇس بىرخىل بۇرغا ياسالغان. بۇنىڭ بىلەن دەرەخ پوستىدىن دەرەخنىڭ ئۈزىگىگىچە تېشىپ كىرىپ، نېپىز بىر پارچە ياپراقچە ئالغىلى ۋە بۇنىڭغا قاراپ دەرەخنىڭ پۈتۈن يېشىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ. شەمشاد دەرەخلىرىنىڭ يېشىنى ھېسابلاشتا ئەمدى ئۇلارنى كېسىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى. زور شەمشاد نېمە ئۈچۈن نەچچە مىڭ ياشىيالايدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۇزاق ياشىشى بەلكىم ئۇلارنىڭ قوۋزىقىنىڭ قېلىنلىقى0.6 مېتىر بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. ئورمانلىققا ئوت كەتسىمۇ، زور شەمشاد ئاسانلىقچە كۆيۈپ كەتمەيدۇ. بەزى زور شەمشادلار ئوت ئاپىتى تۈپەيلىدىن ئىچى كاۋاكلىشىپ، غايەت زور «قۇرۇق پوست » قىلىپ قالغان، شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا تۈپ - تۈز ئۆسۈۋەرگەن.(لۇ رۇيلىن)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ