ئەڭ ئېغىر بومبا
دۇنيادىكى ئەڭلەر
دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېغىر بومبا، ئەنگلىيە پادىشاھ ئائىلىسى ھاۋا ئارمىيىسى ئۇرۇشتا ئىشلەتكەن بىر دانە <گىراندسىلام> ئىسىملىك بومبا بولۇپ، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 9.975 كىلوگرام، ئۇزۇنلۇقى 7,74 مېتىر كېلىدۇ. بۇ بومبا 1945 - يىلى 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى گېرمانىيىنىڭ بېيلىيفېلدتىكى تۆمۈر يول كۈرۈكىگە تاشلانغان.
1949 - يىلى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى كالىفورنىيە شتاتىنىڭ موۋروك قۇرۇق كۆلىدە بىر دانە بومبىنى سىناق قىلغان، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 19 مىڭ 50 كىلوگرام كېلىدىكەن.