UyghurWiki
UyghurWikiئاڭمىليونېرلار ئەڭ كۆپ دۆلەت

مىليونېرلار ئەڭ كۆپ دۆلەت

دۇنيادىكى ئەڭلەر 1968 - يىلدىكى <بايلىق> ژۇرنىلىنىڭ مۆلچەرلىشىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدا 153 مىلياتېرلار بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى پۇلى 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىكەن. ئەڭ تېز بېيىغان مىلياتېر ھېنرى روسىس پېروت بولۇپ، ئۇ 1930 - يىلى تىكساس شتاتىنىڭ تىكساركانا دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. 1962 - يىلى داراسون ئېلېكترونلۇق سانلار سىستېمىسى شىركىتى قۇرغان ۋە ئۇنىڭ دۇڭسجاڭى بولغان. مۆلچەرلەرگە قارىغاندا ئۇنىڭ بايلىقى 1968 - يىلى 320 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا، 1969 - يىلى 12 - ئايدا 1 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. مۆلچەرلىنىشىچە 1961 - يىلى ئامېرىكىدا 50 مىڭ مىليونېر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 13 مىڭ 500 نەپىرى كالىفورنىيە شتاتىدا ئىكەن. 1967 - يىلى مىليونېرلارنىڭ سانى 100 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ كەتكەن (بۇنىڭ ئىچىدە 21 كىشى باج تاپشۇرمايدۇ).
← بارلىق تېمىلار ئاڭ