UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ كۆپ بېلىق تۇتىدىغان دۆلەت

ئەڭ كۆپ بېلىق تۇتىدىغان دۆلەت

دۇنيادىكى ئەڭلەر دۇنيا بويىچە بېلىق تۇتۇشنىڭ ئەڭ يۇقىرى رېكورتى 1967 - يىلى يارىتىلغان بولۇپ، 59 مىليون 540 مىڭ توننا ئىدى. شۇ يىلى پېرۇنىڭ تۇتقان بېلىقى توققۇز مىليون 223 مىڭ توننىغا يەتكەن. پېرۇ 50 - يىللارنىڭ باشلىرىدا پەقەت 100 مىڭ توننا ئەتراپىدىلا بېلىق تۇتاتتى. 1960 - يىلىغا كەلگەندە ئۈچ مىليون 530 مىڭ توننىغا يەتكەن. 1962 - يىلى توققۇز مىليون توننىغا يېتىش بىلەن ياپونىيىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگەللىگەن. 1970 - يىلى 12 مىليون 300 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈپ، تارىختا رېكورت ياراتقان. 1972 - يىلىدىكى دېڭىز بويلىرى ئېقىنىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن بۇ بېلىقچىلىق رايونىنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، بېلىق تۇتۇش مىقدارى تۆت مىليون 720 مىڭ توننىغا چۈشۈپ قالغان، شۇندىن ئېتىبارەن ياپونىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارقىسىدا قېلىپ، دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ كۆپ بېلىق تۇتىدىغان دۆلەت | UyghurWiki | UyghurWiki