ئەڭ تۇزسىز دېڭىز
دۇنيادىكى ئەڭلەر
دۇنيادىكى دېڭىز سۇلىرىنىڭ تەركىبىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 35 پىرسەنت تۇز بار، لېكىن ياۋروپادىكى بالتىق دېڭىزىنىڭ تەركىبىدە ئۇنچىلىك يوق. ئۇنىڭ تاشقى دېڭىزغا يېقىن جايلىرىدا 20 پەرسەنت، ئوتتۇرا قىسىمىدا 6 - 8 پىرسەنت، شىمالىدا ۋە شەرقىدە ئىككى پىرشەنت تۇز بار. بۇ يەرلىرىنىڭ سۈيى تاتلىق سۇدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ.
بالتىق دېڭىزى ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ئىسكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، تۆت ئەتراپنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك قۇرۇقلۇق ئوراپ تۇرىدۇ. ئۇ پەقەت غەرب تەرىپىدىلا تار ۋە تېيىز ئۈچ بوغۇز ئارقىلىق ئوكيانغا تۇتىشىدۇ. ئۇ ئىچكى قۇرۇقلۇق دېڭىزىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. دېڭىز دائىرىسى يېپىق بولغانلىقتىن، تاشقى دېڭىزنىڭ سۈيى بىلەن ئانچە ئالمىشىپ تۇرمايدۇ. تۇز تەركىبى يۇقىرى بولغان سىرتىدىكى دېڭىز سۈيى بۇ دېڭىزغا ئاسانلىقچە كېرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالتىق دېڭىزىغا 250 دەريا قويۇلىدۇ. ئۇلار يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 472 كۇپ كىلومېتىردىن كۆپرەك تاتلىق سۇ ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ جاينىڭ ھاۋاسى بىر قەدەر سالقىن - نەم بولۇپ، دېڭىز سۈيى ناھايىتى ئاز پارغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا دېڭىز يۈزى تۆۋەنلەپ كەتمەيدۇ (ئادەتتە دېڭىز ئوكيانلارنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى ئۇنىڭغا كىرگەن سۇ مىقدارىدىن كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كېتىدۇ)، بۇ ھال بالتىق دېڭىزىنىڭ تۇز تەركىبى تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈرگەن. مەسىلەن: بالتىق دېڭىزىنىڭ سۈيى يېشىلراق، بەزى قولتۇقلىرىدا توق سېرىق كۆرۈندۇ. پەقەت ئوتتۇراقىسىمىلا ھاۋا ئوچۇق ۋاقتىدا كۆكۈش كۆرۈنىدۇ. بۇ دېڭىز قىش پەسلىدە ئاسانلا مۇز تۇتۇپ، دېڭىز قاتنىشىدا قىيىنچىلىق كەلتۈرىدۇ. تۇ تەركىبىنىڭ تۆۋەن بولۇشىمۇ جانلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا بۇ دېڭىزدا سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى زور دەرىجىدە كېمىيىپ كەتكەن، ئايرىم مەھسۇلاتلار كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايغان. تېرىسكا بېلىقىنى ئالساق، بۇ دېڭىزدا ئاتلانتىك ئوكياندىكى بېلىقلارنىڭ بەشتە بىر قىسىمىلا بار. يەنە بىر تەرەپتىن، بالتىق دېڭىدا تۇز تەركىبى تۆۋەن بولغانلىقتىن، تاتلىق سۇدا ياشايدىغان ئالا بۇغا بېلىق، يېسى بېلىق، چورتان بېلىق قاتارلىق سۇ مەھسۇلاتلىرى بار. 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا كېمە ئاستىغا يېپىشىپ كەلگەن جۇڭگو قىسقۇچ پاقىلىرىمۇ بۇ دېڭىزدا كۆپلەپ كۆپەيگەن. باشقا دېڭىزلاردا بۇنداق ئەھۋال ئاز ئۇچرايدۇ.(جاڭ شيەنيۇي)