قوزغىتىلغان نۇر ئارقىلىق يادرو يىغىدىغان ئەڭ زور قۇرۇلما
دۇنيادىكى ئەڭلەر
1938 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا يادرونىڭ بۆلۈنۈشى بايقالغاندىن باشلاپ، 1965 - يىلى ئامېرىكىدا تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلغانغا قەدەر 27 يىللا ۋاقىت ئۆتتى. يادرو يىغىش قائىدىسى 1933 - يىلىلا مەلۇم بولغان ئىدى. ئەمما بۈگۈنگە قەدەر يادرو يىغىدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلماي، پەقەت كونترول قىلغىلى بولمايدىغان ئىسسىق يادرو رېئاكتورى - ۋودرود بومبىسى ئارقىلىقلا يادرو يىغىشنىڭ كۈچ - قۇدرىتى نامايەت قىلىنىپ كەلدى. كونترول قىلىنىدىغان يىغىش ئۈستىدىكى ئىشلىنىش ھەقىقەتەنمۇ مۇشەققەتلىك يول ئىدى. ئىسسىق يادرو يىغىشنى « ئۆزلۈگىدىن داۋاملاشتۇرۇش» سېستىمىسغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىككى ئاساسىي تەلەپنى قاندۇرۇش لازىم. (1) ئىنتايىن يۇقۇرى تېمپىرا، دېيتېرىي - تىرىتىي رىئاكسىيىسى: 100 مىليون گىرادۇس؛ دېيتىرېي - دېيتىرېي رىئاكسىيىسى: 500 مىليون گىرادوس بولۇشى؛ (2) لاۋسۇن شەرتى ، يەنى تەڭ ئىئونلۇق جىسىمنىڭ زەررە زىچلىقى بىلەن ۋاقىتنىڭ كۆپەيتمىسى مەلۇم تۇراقلىق ساندىن چوڭ بولۇشى كېرەك. 20 يىلدىن بويان كىشىلەر كۈچلۈك ماگىنىت مەيدانى ئارقىلىق يۇقۇرى تېمپىراتۇرىدىكى تەڭ ئىئونلۇق جىسىمنى چەكلەشنى ئويلاپ كەلگەن ئىدى. ئەمما بۇنىڭ تەرەققىياتى ئاستا بولۇپ، تا ھازىرغا قەدەر لاۋسۇن شەتىگە يەتكىلى بولمىدى.
60 - يىللارنىڭ باشلىرىدا، قوزغىتىلغان نۇرنىڭ مەيدانغا كېلىشى دەررۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. بۇ بىر تۈرلۈك يېڭى ئىسسىق يادرولۇق ئوت ئالدۇرۇش مەنبەسى بولدى. قوزغىتىلغان نۇرنىڭ يادرو يىغىشنى ھاسىل قىلىشى ئېنېرتسىيىلىك چەكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. يۇقۇرى دەرىجىدە فوكۇسلانغان كىچىك قوزغىتىلغان نۇر نۇقتىسى دېيتىرېي - تىرىتي دانىچىسىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كېڭىيىشتىن بۇرۇن «چاقماق تېزلىكى» دە قىزىتىپ تېمپىراتۇرىنى بىرىكىشنى پەيدا قىلىدىغان تېمپىراتۇرىغا يەتكۈزىدۇ. يەنى تەڭ ئىئونلۇق جىسىمنى چېچىلىپ كەتكىچىلىك بىرىكىش رىئاكسىيىسىنى ئورۇنلاپ بولۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ. چۈنكى كېڭىيىشىنىڭ كويفېنسېنتىنى ئاساسەن نيۇتوننىڭ ئېنېرتسىيە قانۇنى بەلگۈلەيدۇ. شۇڭا ئۇ ئېنېرتسىيىلىك چەكلىمە دەپ ئاتىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەر شۇنى بىلىۋالدىكى، ئەگەر كۆپ دەستىلىك قوزغىتىلغان نۇر نىشانغا تەرەپ - تەرەپتىن تەكشى چېچىلسا، نىشاننىڭ يۈزىنى بىر قانچە مىللىمىتىر سېكۇنت ئىچىدىلا تېمپىراتۇرىنى بەش مىليون گىرادۇستىن 100 مىليون گىرادوسقىچە قىزىتىدۇ. ئېرىپ قاينايدىغان ماتىرياللار سېكونتىغا 10 مىڭ كىلومېتىرلاپ يۇقۇرى تېزلىك بىلەن سىرتقا ئېتىلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىچكى قىسمىدا ئەكس تەسىر قىلغۇچى كۈچ پەيدا بولۇپ، مەركەزگە ئىنتىلگەن پارتلاش قوزغىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن نىشانىنى سويۇق ھىدروگىن زىچلىقىنىڭ 10 ھەسسىگە قەدەر قىسقىلى، بېسىمنى 10 نىڭ ئون ئىككىنچى دەرىجىسىگە قەدەر ئاتموسفېرا بېسىمغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ. مەركەزگە ئىنتىلگەن پارتلاشنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئېنىرتسىيىلىك چەكلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە لاۋسۇن شەرتىگە يېتىپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن ئوت ئالدۇرۇش ئېنېرگىيىسىنى تېجەپ قالغىلىمۇ بولىدۇ. پايدا بىلەن بىلەن زىياننىڭ تەڭ بولۇشى (چىقىرىلغان يىغىش ئېنىرگىيىسى قوبۇل قىلىنغان قوزغىتىلغان نۇر ئېنىرگىيىسىگە تەڭ بولۇشى ) ئۈچۈن ئېھتياجلىق قوزغىتىلغان نۇر ئېنېرگىيىسى. ئۇنىڭغا مەۋجۇت قوزغىتىلغان نۇر تېخنىكىسى ئارقىلىق ئېرىشكلى بولىدۇ.
ئامېرىكا ئېنىرگىيە مەنبەسى تەتقىقاتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئورگىنى (ERDA) غا قاراشلىق LLL نىڭ 10 مىڭ جوئۇل دەرىجىلىك 20 زەنجىرلىك رۇبىدىي ئەينەك قوزغىتىلغان نۇر قۇرۇلمىسى «shiva» ھازىر دۇنيا بويىچە قوزغىتىلغان نۇر ئارقىلىق يادرو يىغىدىغان ئەڭ زور قۇرۇلما بولۇپ، 1977 - يىلى 18 - نويابىردا سىناقتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلدى ھەمدە ئۇ ئېنىرگىيە چىقىرىشنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ كەلمەكتە. ئۇنىڭدىنمۇ زور بولغان قوزغىتىلغان نۇر قۇرۇلىمىسى «Nova» قۇرۇلۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن 1982 - 1983 - يىللىرى قۇۋۋىتى 100 - 300 مىليون مېگاۋات كېلىدىغان 100 مىڭ جوئۇل ئېنېرگىيە چىقىرىش پىلانلانغان. قوزغىتىلغان نۇر ئارقىلىق يادرو يىغىشنى ئۆي ئىچىدە ئىسسىق يادرو قورالىغا تەقلىد قىلىپ قوللىنىشقا بولىدۇ. مۆلچەرگە قارىغاندا، بىر مىليون جوئوللۇق قوزغىتىلغان نۇر ئارقىلىق دېيتىرىي - تىرىتىي كۇملىچىنى ياندۇرغاندا، بىر مىليون توننىلىق ۋودورود بومبىسىنىڭ ئىككى كىلومېتىر دائىرە ئىچىدە ئۇچرىتىلغان رادىئاتسىيىلىك زەخمىلەندۈدۈش ۋە زەربە دولقۇنىنىڭ زەخمىلەندۈرۈشىگە تەقلىد قىلغىلى بولىدۇ. تەجرىبىخانىدا سىناق ئېلىپ بېرىلغانلىقتىن، مەخپىيەتچانلىقى كۈچلۈك، تەننەرخى تۆۋەن بولىدۇ. (دەي شۇۋېن)