ئەڭ زور نىكېل كانى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
كانادادىكى ئونتارىو ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان ھورۇن كۆلىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە سادبۇرى دېگەن كان سانائىتى شەھىرى بار. ئۇ ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ زور نىكېل كان رايونى بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارى نىكېلنىڭ دۇنيا بويىچە ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 80%نى تەشكىل قىلىدۇ.
نىكېل - بىر خىل كەم ئۇچرايدىغان قىممەتلىك مېتال. يەر پوستىنىڭ تاغ جىنىسلىرى چەمبىرىكىدە نىكېل ئىنتايىن ئاز، ئۇ كۆپىنچە يەر يادروسىغا ۋە يەرنىڭ تۆۋەن قاتلىمىغا توپلانغان. شۇڭلاشقا ئۇ كۆپرەك يەر شارىنىڭ چوڭقۇر قىسمىدىكى تەكىبىدە نىكېل ئېلېمېنتى بولغان ئىنتايىن ئىسسىق ماگمىلارنىڭ يېرىق ئارقىلىق يەر پوستىغا ۋە شۇ ئەتراپىتىكى تاغ جىنىسلىرىغا بېسىپ كېلىپ ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. سادبۇرى نىكېل كۈنى ئېللىپىس شەكىللىك ئاساسىي ماگماتىك جىسىملار ئىچىدە ھاسىل بولغان بولۇپ، ماگمىلار پەيدا بولغان دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. ئەمما بوشلۇق پەن - تېخنىكىسى ۋە مېتېرىتشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، بەزىلەر سادبۇرى نىكېل كانىنىڭ شەكىللىنىشى مېتورېت بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا. چۈنكى، يەر شارىدا مېتورېت ئازگاللىرى كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېتورېتنىڭ بولۇپمۇ مېتورېت تۆمۈرىنىڭ ئاساسىي تەركىبى نىكېل تۆمۈردۇر.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەرنىڭ سادبۇرى نىكېل كانىنىڭ ئەتراپىدا بايقىلىشىچە، بۇ يەردە مېتورېت ئازگاللىرىغا خاس بولغان باللىستىك تۈزۈلمە، باللىستىك سۈپىتى ئۆزگەرگەن مەدەنلەر ۋە شۇ ئەتراپقا تارقالغان تاغ جىنىسلىرىدىك باللىستىك برېكچىيىلەر بار. بۇ كىشىلەرنى سادبۇرى كانىنىڭ مېتورېت ئازگىلى بولۇشى مۇمكىنلىكىگە، تەركىبىدە تۆمۈر، نىكېل كۆپ بولغان ئىنتايىن زور بىر مېتورېننىڭ سادبۇرىنىڭ يەر پوسىتىنى تىشىپ كىرىپ، يەر پوستىدىكى ئاساسىي ماگمىنىڭ يۇقۇرى ئۆرلىشىگە يول ئېچىپ بەرگەنلىكى، بۇنىڭ بىلەن تەركىبىدە تۆمۈر، نىكېل كۆپ بولغان ئىسسىق ئاساسىي ماگمىنىڭ يۇقۇرى ئۆرلەش جەريانىدا مېتورېننىڭ تەركىبىدىكى مول تۆمۈر، مىكېل مېتاللىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئۆزگىرىش ئارقىلىق قېتىپ، بۈگۈنكى ئىنتايىن زور نىكېل كانىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىگە ئىشەندۈردى.(لوزودې)