مائاشى ئەڭ يۇقىرى پالاتا ئەزاسى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئامېرىكا سەنيىيۇەننىڭ ئەزالىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى مائاش ئالىدىغان پالاتا ئەزالىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ يىللىق ئاساسىي مائاشى 42 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرى بولۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 3000 ئامېرىكا دوللىرى باجنى بىكار قىلىشتىن كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سەنيىيۇەن ئەزالىرى يەنە يىلىغا 157 مىڭ 92 ئامېرىكا دوللىرى كاتىۋات خىراجىتى ئالىدۇ. ئەمما، ئەمەلىيەتتە، بىر كاتىپنىڭ يىللىق ئەڭ يۇقىرى مائاشى 30 مىڭ 600 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن چەكلىنىدۇ (بۇنداقتا بىر نەچچە كاتىپ ياكى ياردەمچى ياللىۋالغىلى بولىدۇ). ئۇلار يەنە ھەقسىز ساياھەت قىلىدۇ. پوچتا ھەققى، تېلېفون - تېلېگراف ھەققى، قەغەز خىراجىتى (يىلدا 480 مىڭ دانە كونۋېرت)، داۋالىنىش، گۈل سېتىۋېلىش ۋە چاچ ئالدۇرۇش ھەققىنى ئاتچوت قىلىدۇ. سەنيىيۇەن ئەزالىرى ئۈچۈن مەدەنىي بۇيۇملار، رەسىم تارتىش سايمانلىرى، نۇتۇقلارنى كۆچۈرۈش ياكى رادىئو ئارقىلىق تارقىتىش قاتارلىقلارنىڭ باھاسى ناھايىتى تۆۋەن بېكىتىلگەن. ئايال سەنيىيۇەان ئەزالىرى ھۆسۈن تۈزەش دوختۇرخانىسىدا تۆۋەن باھادا ئىسكەتىنى تۈزىتىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەمدە ساياھەت راسخوتىنىڭ ھەممىسىنى ئاتچوت قىلىدۇ.